نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2016-12-10كۆرۈلىشى :


يېقىندىن بۇيان ئەيدىز كىسىلىگە ئائىت خىزمەت ۋە تەشۋىقاتلار كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىپ بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتىۋاتقان بولسىمۇ كۆپ قىسىم دىھقان ئىشلەمچىلەر داۋاملىق شەھەردىن –شەھەرگە ،بازاردىن-يېزىغا كۆچۈپ يۈرىدىغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇر ۋە بىلىملەردىن خەۋەرسىز قالىدۇ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گەرچە ئەيدىز توغىرلۇق ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان بولسىمۇ،يەنە بەزىلىرى يەنىلا ئەيدىزغا مۇناسۋەتلىك ئاساسى بىلىملەر ۋە يۇقۇش يوللىرىغا نىسبەتەن ئۇقۇمى ناھايتى غۇۋا بولغانلىقتىن ئاسانلا ئەيدىزنى يۇقتۇرۋالدىغان ياكى بىلىپ بىلمەي باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.يەنە بەزى ئاقما نوپۇستىكى ئەيدىز بىمارلىرى كۆچۈپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ قانداق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدىغانلىقىنىمۇ بىلمەستىن ئۆتۈپ كىتىدۇ.
ئىدىقۇت رايونلۇق كىسىللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىدىكى خادىملار مۇشۇ بىر قاتار مەسىللەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ھەل قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىش ئارقىلىق «12.4» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنىدىن پايدىلنىپ،دىھقان ئىشلەمچىلەر توپلىشىدىغان نۇقتىلارغا بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئاساسى بىلىملىرىدىن ساۋاتلارنى،ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈردى،تەشۋىق قوللانمىسى،بىخەتەرلىك قاپچۇقى قاتارلىق بويۇملارنى تارقىتىپ بەردى،ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قىزغىنلقى تولىمۇ يۇقىرى بولۇپ،بەس-بەستە كىلىپ بويۇملارنى ئالدى ۋە خادىملىرىمىزنىڭ ھەربىر سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى.خىلى كۆپ ئىشلەمچىلەر بۇرۇن ئەيدىزنى« يۇقتۇرۋالسىلا ئۆلۈپ قالىدىغان كىسەل»دەپ ئويلىغانلىقى،ئەمما بۇ بىلملەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،تەشۋىقات قوللانمىلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەيدىز توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ بىلگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

【مەسئۇل تەھرىر : 】