نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

خېبىي ئۆلكىسى چېڭدې شەھەرلىك كىسەللكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ئىدىقۇت رايونىدا ئىكىسكۇرسىيەدە

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-12-15كۆرۈلىشى :

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى خېبىي ئۆلكىسى چېڭدې شەھەرلىك كىسەللكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن تەشكىللەنگەن ئىكىسكۇرسىيە ئۆمىكى ئىدىقۇت رايونىدا  زىيارەتتە بولدى.ئىدىقۇت رايونلۇق كىسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇەن جىچىياڭ باشچىلىقدىكى رەھبەرلىك بەنزىسى زىيارەتتە بىرگە بولدى.


يىغىندا مۇدىر دۇەن جىچىياڭ ئىدىقۇت رايوننىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات  ئەھۋالىنى چۆردىگەن ئاساستا ،خىزمەت پىرىنسىپى،قوشۇن قۇرۇلىشى،باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە بۇ تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدە رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتتى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ خىزمەتلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقنى تەكىتلىدى.دۇەن مۇدىر بۇ پۇرسەتنىڭ  ئۆزئارا ئۆگىنىپ،ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ  ئىككى جاينىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقنى بىلدۈردى.
     ئارقىدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەركىزىمىز ئەيدىز بۆلۈمى بىلەن يىقىنقى بىر نەچچە يىللىق ئەيدىز خىزمەتلىرى توغرىسىدا  مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى.بۆلۈم باشلىقى ئابدۇراھمان غەنى رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى،مېتادون ئامبولاتوريىسى ،ۋىرۇسقا قارشى داۋلاش ئەھۋالى،نۆۋەتتە ئىشلىنۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بىرىلىش  جەريانى ۋە ئورۇندىلىشى،خىزمەتتە يولۇققان  قىيىن مەسىللەر ھەققىدە كونكىرىت چۈشەنچە بەردى.تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خىزمەت سالمىقىنىڭ تولمۇ ئىغىرلىقىغا قارىماي شۇنچىلىك ياخشى ئورۇندالغان رايونىمىزنڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق  مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە"مەملىكەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك رايون"دىن ئۆرنەك ئېلىپ چېڭدى شەھىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرىدىمۇ ئۈلگە قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 سۆھبەتتىن كىيىن زىيارەت ئۆمىكى مەركىزىمىز تەجىربىخانسىنى ئىكسكۇرسىيە قىلدى ۋە باشقا كەسپىي بۆلۈملەرنىڭ تۈر باشقۇرۇشقا مۇناسۋەتلىك ئەھۋاللىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】