نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-12-15كۆرۈلىشى :


ئوتتۇرا قاتلام رەھبىرى-كادىرلىرىنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن،2016-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى رايونلۇق پارتىكوم پارتىيە مەكتىپىگە بېرىپ  ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى.
رايونلۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئابدۇراھمان غەنى رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى،ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى،ئەيدىزنىڭ شەخىسلەر ۋە ئائىلىگە ، دۆلەت ۋە جەمئيەتكە كۆرسىتىدىغان زىيىنى،ئەيدىزنىڭ ھەرقايسى كىسەللىك باسقۇچلىرىدا كۆرۈلدىغان كىلىنكىلق ئىپادىلىرى ،داۋالاش ۋە داۋالاش ئۈنۈمى ،قانداق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەپسىلىي دەرس سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە "تۆت ھەقسىز بىر غەمخورلۇق"سىياستى ۋە "ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش نىزامى"دا بەلگىلەنگەن بىمارلار ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھوقوقى ، مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇليىتى توغرىسىدا توختالدى.
كۇرس ئارقىلق كۇرسانىتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىى چۈشەندۈرۈلدى،ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىندى،ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۆتۈرۈلدى،شۇنداقلا "ھۆكۈمەت تەشكىللەش،بۆلۈملەر مەسئۇل بولۇش،پۈتكۈل جەمئيەت ئورتاق قاتنىشىش"تىن ئىبارەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت پىرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاساس ياراتتى.

【مەسئۇل تەھرىر : 】