نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

مەنبەسى : تۇرپانيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-02-17كۆرۈلىشى :

ئىدىقۇت رايونى ئەيدىز بىلىملىرىنى يەنىمۇ  چوڭقۇر ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانا رەھبەرلىكىنىڭ تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشغا ئاساسەن2017-يىلى2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق كىسەللىكلەرنى  كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىكى خادىملار ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىغا بېرىپ مەھبۇسلارغا جىنسىي كىسەللىكلەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلىدى.
60نەپەردىن ئارتۇق مەھبۇس لىكسىيەنى ئاڭلىدى، ئىدىقۇت رايونلۇق كىسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانسىدىن ئابدۇراھمان غەنى 20نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنڭ جان تومۇرى بولغان تەشۋىقاتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى مەھبۇسلارغا قايتا-قايتا ئەسكەرتتى،ئەمەلىي جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى جەلىپ قىلىپ لىكسىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش بىلەنلا چەكلەنمەي ئەمەلىي ھەركىتى ۋە تۇرمۇشىدا رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ئەخلاق نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلىشىنى،سىياسىي ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىشىنى سەممىي ئۈمىد قىلدىغانلىقنى بىلدۈردى.
قاماقخانا مەسئۇللىرى لىكسىيەنىڭ تولىمۇ ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقىنى ۋە مەھبۇسلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۆزگىرىشىگە ھەمدە كىيىنكى تۇرمۇشىغا ئازدۇر –كۆپتۇر پايدىلنىش قىممىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

【مەسئۇل تەھرىر : 】