نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > تۇرپان

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئىدىقۇت رايونى قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

  • ئىدىقۇت رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن مەخسۇس كۇرىس ئۇيۇشتۇردى

  • ئىدىقۇت رايونى«12.4»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دىھقان ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى يەتكۈزدى

  • توقسۇن ناھىيىمىزدە ئەيدىز كىسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

  • تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

تۇرپان شەھەرلىك ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئېلىپ باردى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : تۇرپانۋاقتى : 2016-07-01كۆرۈلىشى :

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ،تەشۋىقات خىزمىتىمۇ مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى ، ئاقما نوپۇستىكى ئىشچىلار نىسپەتەن توپلاشقان قۇرۇلۇش كەسپى ۋە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا قارىتا تۇرپان شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى ھەر يىلى قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىندىغان خادىملارغا قارىتا ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرى ۋە ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

 2016  – يىلى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن  تۇرپان شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارغا قارىتا 《ئەيدىز كىسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى》  توغرىسدا لىكسىيە ئېلىپ بىرىلىپ، ئىدىقۇت رايۇنلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش –تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇەن جې چىياڭ لېكسىيە سۆزلىدى، جەمئىي 60نەچچە نەپەر سىرتتىن كىلىپ قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ئىشچىلار لىكسىيگە قاتناشتى.

بۇقېتىمقى لىكسىيىگە تۇرپان شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى《شىنجاڭ تىيەنتو ۋېييې  قۇرۇلۇش – قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى》  ،《شىنجاڭ پېڭدا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى》قاتارلىق بەش قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسدىكى  قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار قاتناشتى،   ئىدىقۇت رايۇنلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش –تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇەن جې چىياڭ سايە چۇشۇرۇپ دەرىس سۆزلەش ئۇسولى ئارقىلىق، مەزمون بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئەيدىزكېسەللىكى توغرىسدىكى ئاساسىي بىلىملەر، يۇقۇش يوللىرى ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى  قاتارلىق مەزمونلارنى  سۆزلىدى ، ھەم نەق مەيداندا ئەيدىز كىسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ۋاراقچىسى ، تەشۋىقات بۇيۇملىرى تارقىتلىپ، لىكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن لىكسىيەگە قاتناشقان بارلىق خادىملار ئەيدىز كېسەللىكى توغرىسدىكى سىناق سۇئالى ئىشلىدى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائاليىتى ئارقىلىق ، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپ ، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ئاپتور: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش –تىزگىنلەش مەركىزىدىن جاڭ ياڭ مىڭ، تەكشۈرگۈچى: ئابدىراخمان غەنى

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】