نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەتكەسچىلىك قىلىنغان كونا كىيىملەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار دېگەن بۇ گەپ بىر خاتا چۈشىنىش بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل چۈشىنىشكە رەددىيە بەردى

  • جۇڭگودا ھەر 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئالتىسى ئەيدىز ئىكەن

  • دۆلىتىمىزدىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغان» ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوسلار ئىكەن

  • پىڭ لېيۇەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىدە

  • 500 مىڭدىن ئارتۇق يېتىم بالا ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

  • ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئۇچرىدى

ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇتەخەسىسلىرى مەكتەپ ھويلىسىغا كىردى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-11كۆرۈلىشى :

سىز ئەيدىزنىڭ خەتىرىنى بىلەمسىز؟ سىز ئەيدىز كېسىلىنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەمسىز؟ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا «ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىپ، ساغلام ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيتى سىچۈەن ئۆلكىلىك مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر باش مۇتەخەسىسى پىروففىسسور ۋۇ زۈنيۇ نەق مەيدانغا كېلىپ، 3000 نەپەر ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە «ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسى» سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ (كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىز مائارىپىنى مائارىپ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەمدە ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئاز دېگەندە بىر سائەت زەھەر چەكلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى قانات يايدۇرۇش؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى سائەتنى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس تېما تەربىيەسى قىلىش؛ ئالىي مەكتەپلەردە ئاز دېگەندە يىلدا بىر دەرسنى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس تېما تەربىيەسى قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق سۆھبەت پائالىيتىدە، پىروففىسور ۋۇ زۈنيوۋ پۈتۈن دۇنيا ۋە جۇڭگودىكى ئەيدىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتتىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ھەقىقىي دېلودىن بىر قانچىنى ھەمبەھىرلىنىشكە قويۇپ، ئۆز ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ساۋاقداشلار بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلار توپى ئارىسىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ۋە خەتىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ھەر تەرەپتىن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دەۋت قىلغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】