نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەتكەسچىلىك قىلىنغان كونا كىيىملەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار دېگەن بۇ گەپ بىر خاتا چۈشىنىش بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل چۈشىنىشكە رەددىيە بەردى

  • جۇڭگودا ھەر 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئالتىسى ئەيدىز ئىكەن

  • دۆلىتىمىزدىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغان» ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوسلار ئىكەن

  • پىڭ لېيۇەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىدە

  • 500 مىڭدىن ئارتۇق يېتىم بالا ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

  • ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئۇچرىدى

جىنجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-12كۆرۈلىشى :

جىنجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئىنىستىتۇتى يېقىندا جىنجۇ شەھەرلىك ئامانلىق ساقلاش مەھەللىسىدە، «مۇھەببەت ئۈچۈن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىپ، ھەرىكەتنى ئېغىزدىن باشلاپ زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى» تېمىسىدا زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.
«پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىز بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا تەكشۈرۈش سۇئاللىرىنى تەييارلىدۇق، ھەمدە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى قارا دوسكىسىنى ئىشلەپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى قوللانمىنى ياساپ چىقىپ، زەھەرنى چەكلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدۇق». ئېغىز بوشلۇقى ئىنىستىتۇتى ياش پىدائىيلار ئويۇشمىسى پىدائىيسى يۇقارقىلارنى ئېيتتى، ھەمدە مۇنداق دېدى: «بىز ئامانلىق ساقلاش مەھەللىسى ۋە ئەتراپتىكى بازارلاردا 50 نەپەر مەھەللە خىزمەتچىسى ئارىسىدا راي سوئال تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەر ئاممىسىغا قوللانما تارقىتىپ، ئۇلارغا بۇ توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچە بەردۇق».
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمەلىي ئۆمەك ئەزالىرى كوچا بويلىرىدا «مۇھەببەتلىك قۇچاقلىشىش» پائالىيتىنى قانات يايدۇردى، پىدائىيلار يەنە تەشۋىقات پائالىيەت مەيدانىدا مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاب پائالىيتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى ئامما ئەيدىزگە ۋە زەھەر چەكلەشكە دائىر قانۇن-تۈزۈملەر توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ نەق مەيداندا تارتۇقلاندى.
بۇ قېتىملىق زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش يازلىق تەتىللىق تەشۋىقات پائالىيتىدە، ئىستۇدېنتلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتتىكى بۇرچىنى ئادا قىلدى.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】