نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىزيوللىغۇچى : گۈزەلنۇرۋاقتى : 2016-09-08كۆرۈلىشى :


باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
图片1.jpg

ناھىيەدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىم سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 9-ئاينىڭ 1–كۈنى ۋە2-كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا،باغراش ناھىيە بازىرى،چاغاننۇر يېزىسىدا ئۈچ مەيدان تەشۋىقات لىكسىيەسى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت كومتېتىنىڭ ئەزا ئىدارىلىرى، ئورگان كادىرلىرى، دىننىي زاتلار، ئاياللار ۋەكىللىرى،ئاھالە كومتېتى خىزمەتچى خادىملىرى،ئوقۇغۇچىلار،ئاھالىلەردىن بۇلۇپ 1070 دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشتى.
图片2.jpg

پائالىيەتكە ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن زۆھرە تۇردى لىكسىيە سۆزلىدى،لىكسىيەدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدىكى ئىلگىرلەشلەر،قانۇن سىياسەت ۋە بەلگىلىملىرى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى،ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ب ىلىملىرى سۆزلەندى.بۇقېتىملىق لىكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاممىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.
بۇقېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆز سالامەتلىكنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە،ئەيدىز بېمارلىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىك بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىش تۇيغۇسى يوقىتىلىش بىلەن بىرگە ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان غەمخورلۇق كۈچەيتلدى.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】