نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

مەنبەسى : كورلايوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-20كۆرۈلىشى :

كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

 

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كورلا شەھىرىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى بۇلۇپمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتىن تارقىلىشى كۆپ سالماقنى ئىگەللىمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ھەممىمىزنى چۆچىتمەكتە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۈلىمى بىلەن ئەيدىز كىسەللىكلىرى خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بويىچە 8-سىنتەبىر كورلا شەھرىدىكى يېزا-بازار ، مەھەللە –كوممىتىت بۇلۇپ جەمئىى 400 دىن كۆپرەك ۋەتەنپەرۋەر دىننى زات ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش بىلىملىرى بويىچە ئورونلاشتۇرۇلغان مەخسۇس كۇرۇسقا قاتناشتى . بۇ تەربىيلەش كۇرۇسقا كورلا شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار ئىبراھىم ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىس نەجمىدىن زۇنۇن قارىدىن ھاجىم قاتناشتى. كورسىقا كورلا شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېشىت ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى قاتنىشىپ چۈشىنىشلىك سۆز ئىبارىلەر ۋە رەسىملەر ئارقىلىق ئەمىليەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، كورلىنىڭ ئاساسلىق ئەيدىز يوقوم ئەھۋالى، تارقىلىش يوللىرى، قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش ئۇسۇللىرى، باشقۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمونلار ئۈستىدە توختىلىپ چۈشەنچە بەردى . يەنە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىىرول قىلىش خىزمىتىدە ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق مەسئولىيىتى بارلىقى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئائىلىسىگە مەسئول بۇلۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجدىمائى ئەخلاق ۋە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقنى تەشەببوس قىلىپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئامما توپى ئارىسىغا يامراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئاممىنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئۆز –ئارا ھۆرمەتلەپ، كورلا شەھەردىكى ھەممە كىشىنى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ لىكسىيە ئارقىلق ۋەتەنپەرۋەر دىىننى زاتلارنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋە ئۇنى ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى چۈشەنچىسى ۋە تۇنىشى چوڭقورلاشتى. لىكسىيە ئاخىرىدا سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نەجمىدىن زۇنۇن قارىدىن ھاجىم بۇندىن كىيىن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ۋەتەنپەرۋەر دىننى زاتلارنىڭمۇ ئورتاق كۈچ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۇردى.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】