نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

مەنبەسى : كورلايوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-27كۆرۈلىشى :

بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

 

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق لىكسىيە سۈزلەش ئۆمىكىدىكى مۇتەخەسىسىلەردىن ئارىپ مەمەتنىياز، زۆھرە تۇردى، ئادىل مۇئەللىملەر 2016-يىل9-ئاينىڭ 1–كۈندىن 8-كۈنىگىچە بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى سەككىز ناھىيە بىر شەھەرنىڭ يېزا بازار، مەكتەپ، ئاھالىلەر كومىتىتىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

 


بۇ قېتىملق لېكسىيە ئوبلاستىمىز تەۋەسىدە جەمىئى 35 مەيدان ئۈتكۈزۈلگەن بۇلۇپ، لېكسىيەگە ئوبلاست ۋە ناھىيە تەۋەسىدىكى رەھبىرى كادىرلار، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلشتىكى ئەزا ئىدارە –ئۇرۇنلار، سەھىيە خادىملىرى، دىننى زاتلار، ئاياللار ۋەكىللىرى، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار، ئجتىمائى رايۇن ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، دېھقان-چارۋچلار بۇلۇپ،جەمىئى 10مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاڭلاشقا قاتناشتى.
لېكسىيەدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ روھى، جىسمانىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ئاقىۋەتلىرى، يۇقۇش يوللىرى، گاندۇن ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قاتارلىق تەرەپلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بولۇپمۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەردىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ تارقىلىشنىڭ ئېغىر بولىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ نىكاھقا تۇتقان پۇزىتىسيەسى بىلەن نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان جىنسى ئالاقە ئەھۋالىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلۇپ تەكىتلەندى.

 


لىكسىيەگە قاتناشقان ئامما ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يۇلى، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن –نىزاملار شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقى ۋە جەمىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشتى. نۇرغۇن كىشى مۇشۇنداق لېكسىيە سۆزلەش پالىيىتىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزلۈپ تۇرۈشى ئۈچۈن تەلەپ پىكىر بىرىشتى.
 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】