نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

مەنبەسى : كورلايوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-10-25كۆرۈلىشى :

ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

     ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ياشانغانلار نوپوسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئىچىدىكى 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاشماقتا. بۇلۇپمۇ 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئاز بولمىغان سالماقنى ئىگەللىمەكتە. ياشانغانلار ئاساسلىقى جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان. بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ ئەيدىز ئاساسى بىلىملىرى كەمچىل، گاندوننى ئىشلەتمەسلىك سەۋەپلىك ئاسانلا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
12-ئۆكتەبىر كورلا شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمەت كومىتىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى بىرلىكتە، كورلا شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ 5-قەۋىتىدە ئاساسى قاتلام سەھىيە ئورونلىرى ۋە مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورونلىرىدىكى ياشانغانلار خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان كادىرلاردىن جەمئىي 52 نەپەر خادىم كورلا شەھەردىكى ياشانغانلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كورسىغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق كۇرۇستا كورلا شەھەرنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى، مۇناسىۋەتلىك قانون –تۈزۈم، ئەيدىز ئاساسى بىلىملىرى، ياشانغانلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسى بىلىملىرى نۇقتىلىق سۆزلەندى. ئاخىرىدا كۇرسانتلارنىڭ نۆۋەتتە يۇلۇققان مەسىلىلەرگە تەپسىلى جاۋاپ بىرىلدى.
كورلا شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن : ئامانگۈل ئىبراھىم
 

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】