نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

ئۈمىدۋار بول قەلبىم

مەنبەسى : گۈلجەننەت ئابدۇراخمانيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-10-31كۆرۈلىشى :

ئۈمىدۋار بول قەلبىم

      بۇ دۇنيا يوللىرى ئىگىز-پەس، جاپا-مۇشەققەتكە تولغان بىر سىناق دۇنياكەن، مەن ئويلىمىغان يەردىن تەقدىر ئاتلىق تۇلپارىمدىن يىقىلدىم، يىقىلغاندىمۇ بەك قاتتىق يىقىلدىم، قەلبىم چەكسىز ئەندىشە ۋە داۋالغۇش، جىسمىم ئازاپتىن تولغانماقتا ئىدى، مەن «ئەيدىز»دىن ئىبارەت بۇ نىجىس كىسەلدىن يوقۇملانغان ئىدىم. ئۆزۈمنى بۇ دۇنيانىڭ قايسى يىرىگە قۇيۇشنى بىلمەي، تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا تەمتىرىمەكتە ئىدىم. ئامال قىلىپ بۇ نىجىس كىسەلدىن قۇتۇلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيتىم. كۆز ئالدىمغا مەن سۆيگەن ۋە مىنى سۆيگەن كىشىلەر كەلدى، ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان چەكسىز خوشاللىقى ۋە مىھىر-مۇھەببىتىنى ئويلىغىنىمدا ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنەتتىم. ئولارنىڭ كەلگۈسى ھەم ئۈمىدى مەن ئىدىمغۇ! تولىمۇ ئەپسۇس ھايات كەبى سۈيىدىغان قەدىردانلىرىم مېنىڭ بۇ كېسىلىمنى بىلسە كۆز ياشلىرى دەريا كەبى ئېقىپ يۈرەكلىرى زەرداپ بولىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. ئاخىرى ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ «ئەيدىز»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ تىگىگە چوڭقور يەتتىم. بۇ كېسەل جىنسى مۇناسىۋەت، ئانىدىن بالىغا، قاندىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا يوقىدىكەن، باشقا ئىجدىمائىي تۇرمۇشتىن يۇقمايدىكەن. ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغاندا نورمال ساغلام كىشىلەردەك ياشىغىلى بولىدىكەن. بۇلارنى بىلگىنىمدە قەلبىمدىكى ئازاپلىق ئىزنالار يوقىلىپ ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى. مەن ياشىشىم كېرەك، قەلبى
    مىنىڭ خوشاللىقىم ئۈچۈن يۈرەكلىرى پارە بولغان شۇ ئەزىزانە قەدىردانلىرىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۈمىدۋار بول. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى مىنى ياراتقان ئىگەم مۇشۇ ئازاپلارنى كۈتىرەلىگىدەك سەۋىر، قۇدرەت، جاسارەت ئاتا قىلىدۇ. بىر كۈنلەردە كىسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇپ ئىچ-ئىچىمدىن خوشال بولۇپ قاقاقلاپ كۈلىدىغان، قايتىدىن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ تەقدىر ئاتلىق تولپارىمغا مىنىپ گۈزەل ئەتەم، پارلاق مەنزىلىم ئۈچۈن يول ئالىدىغان بىر كۈنلەر كىلىدۇ، سەۋىرچان بول قەلبىم، ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان سىناق دۇنيادا زەبەردەس قەدەملىرىم بىلەن ئىلگىرلەپ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قۇياش كەبى نۇر چاچىدىغان كۈچ ئاتا قىلغىن. جىسمىم ئورنىدىن تۇرسۇن.
كورلا شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن :   گۈلجەننەت ئابدۇراھمان

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】