نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

كورلىدا دوختۇر-سېستىرالارغا كەسپىي خىزمەتتە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش توغرىسىدا كۇرۇس ئېچىلدى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-07-26كۆرۈلىشى :


كورلىدا دوختۇر-سېستىرالارغا كەسپىي خىزمەتتە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش توغرىسىدا كۇرۇس ئېچىلدى

 

 

       كورلا شەھىرى ئاساسىي قاتلام دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ئەيدىز بىلىملىرىنى كۈچەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۆزلىرىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھەرلىك شىنىغا بازارلىق مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە دوختۇر- سېستىرالارغا كەسپىي جەھەتتە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش توغرىسىدا مەخسۇس كۇرۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ قېتىملىق كۇرۇستا كۇرسانتلارغا ئەيدىز كېسىلى ئاساسىي بىلىملىرى، كەسپىي خىزمەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر تەپسىلى چۈشەندۈرۈلدى .

 

     شۇنىڭ بىلەن، كورلا شەھىرىدىكى 5 بازارلىق مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، 3 بازارلىق سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، 9 يېزىلىق سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، 2 دېھقانچىلىق مەيدانى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، 2 باغۋەنچىلىق مەيدانى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىكى بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا كەسپىي خىزمەتتە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش توغرىسىدا كۇرۇس ئېچىلىپ بولدى.

 


      كورلا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن: ئامانگۈل ئىبراھىم
                2016-يىلى7-- ئاينىڭ 25-كۈنى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】