نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

كۇچا دىيارىدىكى تەربىيلەش كۇرسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى

مەنبەسى : كورلايوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-08-15كۆرۈلىشى :


كۇچا دىيارىدىكى تەربىيلەش كۇرسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى

 

     

 

كورلا شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز كىسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇشۇ تۈرگە مەسئول ئىككى تىببي خادىم 1-ئاۋغوست كۇچاغا سەپەر قىلدى . 2-3-ئاۋغۇست كۇچا مىھمانخانىسىدا جەنوبى شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك تىببى خادىملارغا تەربىيلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن لى فەن مۇدىر ، چېن جىن ، گوڭ شىياۋخو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىىشىپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ۋە يۇقۇش ئالاھىلىگى، دورا بىلەن قامداپ داۋالاش، ئىشپىرىس ئالماشتۇرۇش، يۇشۇرۇن پاھىشە ئورونلىرى، ھەنجىنىسلار قاتارلىق كىشىلەر توپىدىكى موھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ نەتىجىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئەيدىز كىسىلى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ توردا يوللىنىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى، ئەيدىز بىمارلىرى ياكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ۋىروسقا قارشى دورا بىلەن داۋالاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش زۆرۆرلىكىنى تەكىتلىدى.

 


   مۇشۇنداق ياخشى ئۆگنىش پۇرسىتىدە ھەر قايسى جايلاردىكى تىببى خادىملار تەربىيەلەش كۇرسىدىن خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇستازلار بىلەن ئۆزلىرى يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسى ئاخىرىدا ئىمتىھان ئېلىنىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى.

   كورلا شەھەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن : گۈلجەننەت ئابدۇراھمان
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】