نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > بايىنغولىن

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئۈمىدۋار بول قەلبىم

  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلمايلى

  • بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • كورلا شەھرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

  • باغراش ناھىيەسىدە ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

مەنبەسى : كورلايوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-08-30كۆرۈلىشى :

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر كورلىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

 

2016-يىلى 23-ئاۋغۇغۇست ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئىشخانانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەپەندى باشچىلىقىدا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت سۆھبەت يېغىنى كورلىدا شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ يېغىنغا كورلا شەھەرنىڭ مۈئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ خوڭ چۈن، ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك سەھىيە ئىدارە مەسئۇلى، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارە باشلىقى، مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، خەلىق ئىشلار ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسنىڭ مەسئولى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئىدارىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بۇلۇپ 40 نەپەر كىشى قاتناشتى. يىغىنغا مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ خوڭ چۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن كورلا شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇشىنمىن ئەپەندى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىدىن دوكىلات بەردى، ئۇنىڭدىن باشقا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى، مۇئارىپ ئىدارىسى، خەلىق ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەرمۇ يېرىم يىللىق خىزمەتلەردىن دوكىلات بەردى. دوكىلاتتىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەپەندى بىرنەچچە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى:
1. كورلا شەھەردىكى ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلار ئۆز –ئارا زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتورول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.
2. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ۋىروسقا قارشى داۋالاش نىسبىتىنى يوقىرى كۆتىرىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى تىزگىنلەپ، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش، تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تويدىن بۇرۇنقى ۋە ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش.
4. يۇشۇرۇن پاھىشە ئورونلىرى، ئەر ھەمجىنىسداشلار، زەھەر چەككۈچىلەر قاتارلىق يۇقىرى خەۋىپلىك كىشىلەر توپنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، گاندون ئىشلىتىش نىسبىتىنى%100گە يەتكۈزۈپ، ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلىتىشنى تۈگىتىش.
5. كورلا شەھەردىكى چوڭ – كىچىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈشنى %100 گە يەتكۈزۈش.

 


ئاخىرىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەپەندى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھپەرلەر كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئورنى، ئانا بالا ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، تىكىچى يېزىلىق مېتاتون بىلەن قامداپ داۋالاش ئورنى قاتارلىق جايلارنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كۈچۈردى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.

كورلا شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن: گۈلجەننەت ئابدۇرھمان
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】