نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

مەنبەسى : كۇچايوللىغۇچى : نۇرمانگۈل ئابلىزۋاقتى : 2017-01-17كۆرۈلىشى :

 

كۇچا ناھىيىسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

 بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

كۇچا ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىئىشلەش ئۈچۈن،كۇچا ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن،ناھىيىلىك ئەيدىز كېسەلنىڭئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش ئىشىانسى  2016-يىلى 12-ئاينىڭ29-كۈنى كەسپى خادىملاربىلەنبىمارلاردىن تەشكىل قىلغان پىدائىلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، خانىقاتام يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن « پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت،سەھىيە، قانۇن بىلىملىرى» قاتارلىق تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

 

پائالىيەتتە، كەسپى خادىملار جانلىق ، چۈشىنىشلىك ، ئاممىباب تىلئارقىلىق، تام گېزىتى ، رەسىم ، تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى،تەشۋىقات ۋارىقچىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، كېسەلنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى شۇنداقلا زەھەر چىكىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش،ئانىدىن –بالىغا يۇقۇش،ئوخشاش جىنسلىققلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق خەتەرلىك قىلمىشنىڭ زىيىننى ئەمەلىي مىسالار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى گاندوننى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە،خەتەرلىك قىلمىشتىن يىراق بۇلۇشقا،ئۆزىنى پاك تۇتۇپ،قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزكېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئورتاق قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى. پىدائىيلار قوشۇنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەشۋىقاتماتېرىيالى تارقاتقاچ ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرى ، زەھەرنىڭ زىيىنى، زەھەر بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دورىنى توختۇپ قۇيۇش ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزدى.پائاليەت جەريانىدا، كەسپى خادىملاربىلەن پىدائىيلار ئەتىرتى كىشىلەرنى « ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش »ئۈندىدار سۇپىسى بىلەن «شىنجاڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش جەمئىيىتى » تور بېكىتى ئادىرسىنى قۇشىۋېلىشقا يىتەكچىلىك قىلدى.  بۇ قېتىمقى پائالىيەت ,لوزىنكا ئېسىش ،تەشۋىقات تاختىيى چىقىرىش ، تەشۋىقات ماتىرىيالى تارقىتىش ، كۆچمە چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلدى . لوزىنكا 2تال، تەشۋىقات تاختىيى 6 تال ، تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋارىقى 5000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ ،تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى،كىتاپچە، پۈكلىمە بەت تۈرىجەمئىي 17 خىلغا ، نەق مەيداندا مەسلىھەت بىرىلگەنلەر 100 دىن ئارتۇق ئادەمگە ، نەپكە ئېرىشكەنلەر 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى . بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ، كەڭ ئامما ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى يەنىمۇ چۈشەندى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى.ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى،ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقى قوزغالدى. 

 

(كۇچا ناھىيلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىدىن نۇرمانگۈل ئابلىز)

 

 

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】