نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

كۇچا ناھىيىسى ئوچا بازىردا دىنى زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كورسى ئېچىلدى

مەنبەسى : كۇچايوللىغۇچى : قۇربان راخمان ۋاقتى : 2017-01-19كۆرۈلىشى :

 

كۇچا ناھىيىسى ئوچا بازىردا دىنىي زاتلارغا قارىتا تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلدى
 
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ناھىيىمىزدە جۈملىدىن ئۇچا بازىرمىزدا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلشى بۇلۇپمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتىن تارقىلىشى كۆپ سالماقنى ئىگەللىمەكتە.بۇ خىل ئەھۋال ھەممىمىزنى چۆچىتمەكتە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ناھىيىلىك ئەيدىز كىسەللىكلىرى خىزمەتئىشخانىسىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بويىچە2017-يىل 1-ئاينىڭ5-كۈنى ئوچا بازىرغا قاراشلىق كەنىت كومىتىتى ،مەھەللە كۇچا ئىش باشقارمىسىدىكى دىنىزات مىيىت يۇغۇچى ئاياللار بۇلۇپ جەمئىى 300دىن كۆپرەك ۋەتەنپەرۋەر دىننى زاتللار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش بىلىملىرى بويىچە ئورونلاشتۇرۇلغان مەخسۇس كۇرۇسقا قاتناشتى.
 كورسىقا ئۇچا بازارلىق شىپاخانا ئەيدىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانسىدىن يولداش قۇربان راخمان قاتنىشىپ چۈشىنىشلىك سۆز ئىبارىلەر ۋە رەسىملەر ئارقىلىق ئەمىليەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ،ناھىيىنىڭ،ئۇچا بازىرنىڭ ئاساسلىق ئەيدىز يوقوم ئەھۋالى، تارقىلىش يوللىرى، قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش ئۇسۇللىرى، باشقۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمونلار ئۈستىدە توختىلىپ چۈشەنچە بەردى . يەنە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىىرول قىلىش خىزمىتىدە ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق مەسئولىيىتى بارلىقى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز –ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئائىلىسىگە مەسئول بۇلۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجدىمائى ئەخلاق ۋە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقنى تەشەببوس قىلىپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئامما توپى ئارىسىغا يامراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئاممىنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئۆز –ئارا ھۆرمەتلەپ، ھەممە كىشىنى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
بۇ لىكسىيە ئارقىلق ۋەتەنپەرۋەر دىىننى زاتلارنىڭ ،مىيىت يۇغۇچى ئاياللارنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋە ئۇنى ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى چۈشەنچىسى ۋە تۇنىشى چوڭقورلاشتى.ئاخىردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە دىننى زاتلارنىڭمۇ ئورتاق كۈچ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۇردى.
 
 (كۇچا ناھىيە ئوچا بازارلىق ئەيدىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانسىدىن قۇربان راخمان )

【مەسئۇل تەھرىر : 】