نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

كۇچا ناھىيەسى ئەيدىزكېسىلىنى مۇقىم كونترول قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇردى

مەنبەسى : كۇچايوللىغۇچى : نۇرمانگۈل ئابلىزۋاقتى : 2017-01-19كۆرۈلىشى :

 

كۇچا ناھىيەسى ئەيدىزكېسىلىنى مۇقىم كونترول قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇردى
   2017-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، كۇچا ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، ناھىيىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «چاغان مەزگىلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنى مۇقىم كونترول قىلىش ، بايرام ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش » توغۇرسىدىكى ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن ،كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزدە مەخسۇس يىغىن ئاچتى . ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئىشخانىسى مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش تۇردى ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىنغا ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى، ئەيدىز ھەققىدە ئىختىيارىي مەسلىھەت بېرىش مەركىزى ، مېتادون ئامبۇلا تورىيىسى , ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەركىزى ، ئاياللار ساغلاملىق مەركىزى ۋە ھەرقايسى يېزا بازارلىق شىپاخانىلار ، مەھەللە ئىش باشقارمىسى قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 35 كىشى قاتناشتى.
يىغىندا، تۇردى ئىمىن چاغاننىڭ ئالدى -كەينىدىكى سەككىز تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتكى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى.بىرىنچى ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، يوشۇرۇن پاھىشە ،زەھەر چەككەن كىشىلەرنىڭ خەۋپ –خەترى چوڭ شۇڭا بۇتوپقا قارتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىشى خەتەرنى بايقىغان ھامان ، ۋاقتىدا ئۆز جايىدىكى ھۆكۈمەت ، كوچا ئش باشقارمىسى ۋە ساقچىخانىغا دوكلات قىلىپ،تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىش لازىم . ئىككىنچى،ھۆكۈمەتنىڭ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتكى سىياسىتى بويىچە ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بايرامنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم . ئۈچىنچى،بازار ، مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىنى بىرلىك قىلىپ،1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن رايونمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، زەھەرلىك چېكىملىك چەكۈچىلەر، يوشۇرۇن پاھىشە قاتارلىقلارىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، « ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى » دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيتى ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتىنى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى سىياسەت تەلىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ، قانۇنغا رىئايە قىلىش، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش ،قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم. تۆتىنچى جېدەل چىقىرىپ باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان ئەمەلىي خەۋپى بار يۇقۇملانغانلارنىڭ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ،پاھىشلەرنىڭ ئەھۋالىنى ، شۇ جايدىكى ئەلرايىنى بىلىش جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى ۋە ناھىيىلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ باشقۇرۇش ،كونترول قىلىش لازىم. بەشىنچى، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكىتى بار كىشىلەربىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدا ۋەدىنامە ئىمزالىنىپ ئارخىپتا ساقلىنىش ھەمدە ئالاقىلىشىش،زىيارەت قىلىش قېتىم سانى ئاشۇرۇپ، كۈچەيتىلىپ باشقۇرۇپ كونترول قىلىش لازىم . ئالتىنچى ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقنى يەتكۈزۈش ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. يەتىنجى،تەشۋىق - تەربىيىنى كۈچەيتىپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋىروسنى قەستەن يۇقتۇرۇش ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەركىشىلەرنى مەجبۇرى زەھەر چەكتۈرۈش، پاھىشەلەر باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خىلاپلىق قىلدىغان قىلمىشىنى ئازايتىش ، قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، باشقۇرۇپ -تىزگىنلىشى كېرەك.سەككىزىنچى. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش تەدبىرى ئۆستۈرۈش، ئىز قوغلاپ باشقۇرۇش سالمىقى كۈچەيتىش كېرەك.
قىسقىسى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلىپ كەڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنڭ تىنىچ ،خاتىرجەم،بايرام ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ ، ۋەقە يۈز بېرىشكە يول قويماسلىق كېرەك.
 
(كۇچا ناھىيلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىدىن نۇرمانگۈل ئابلىز)

【مەسئۇل تەھرىر : 】