نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

مەنبەسى : ئاقسۇيوللىغۇچى : قاھار ئوسمانۋاقتى : 2017-01-20كۆرۈلىشى :

 

باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان باي ناھىيمىزدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بولۇپمۇ 2005-يىلى ناھىيىمىزدە تۇنجى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بايقالغاندىن بۇيان 2016-يىلىغا كەلگەندە يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئۆتكەن بىر يىلدا ناھىيەلىك كېسەللىكنى كونتورول قىلىش مەركىزىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىكى خادىملار خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا قارىتا نۇقتىلىقتەشۋىقات ۋە قان ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 

2017- يىلى كىرگەندىن كېيىنمۇ بۇ تۈردىكى خىزمەتلەر ئىزچىل داۋاملاشتى. 1 –ئاينىڭ 18-كۈنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر مېھمانخانىداھەر قايسى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ساتراشخانا، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇلازىمەت قىلىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا ئەيدىزبىلىملىرىدىن مەخسۇس تەربىيلەش ۋە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. جەمى 35 نەپەر باشقۇرغۇچى ۋە مۇلازىمەتچى بۇ تەربىيلەشكە قاتناشتى. لېكسىيە ئاساسلىق ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش، بىخەتەرلىك قاپچۇقۇنى توغرا ئىشلىتىش  جەھەتتىكى بىلىملەر سۆزلەندى. لېكسىيە جەريانىدا 500 دىن ئارتۇق ئەيدىز بىلىملىرى جەھەتتىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسى ۋە 1000 دانە بىخەتەرلىك قاپچۇقى تارقىتىلدى. بۇ قېتىملىق تەربىيلەش ئارقىلىق مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئەيدىز جەھەتتىكى بىلىمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە خىزمەتلەرگە ياخشى ئاساس سېلىندى.

 

(باي ناھىيەلىك كېسەللىكنى كونتورول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىن قاھار ئوسمان)

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】