نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : نۇرمانگۈل ئابلىزۋاقتى : 2017-02-10كۆرۈلىشى :

 

كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت

يىغىنى ئېچىلدى

 

-2017يىلى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش -داۋالاش ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ، كۇچا ناھىيىسى

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى 5 - يانۋار -2017 يىلى 1-ئايلىق

خىزمەت يىغىننى ئاچتى.

 

كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى جىنسى كېسەل ئەيدىز كېسەل بۈلىمى، ھەر قايسى يېزا ( بازار )

شىپاخانا ، مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ مەسلىھەت بىرىش قىلمىشىغائارلىشىش ئىشخانىسى خادىملىرى،ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ئىشخانىسى خادىملىرى ۋەمىتادۇن بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتىيسىسى، ۋىرۇسقا قارشى

داۋالاش مەركىزى ،ئاياللار ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ، كەسپى خادىملىرى بۇلۇپ جەمئىي 35 كىشى يىغىنغا

قاتناشتى. يىغىنغا ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ،

 ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، يولداش تۇردى ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى

يىغىندا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ھەر قايسى يېزا-بازار،كوچا ئىش باشقارمىسى،

داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 2016-يىللىق ئىز قوغلاپ باشقۇرۇپ ، كۆزىتىش،تۇبېركۇليوز كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ، جۆرىسىنى تەكشۈرۈش،مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋە پاھىشە ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى،ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ

قىلمىشىغا ئارلىشىش،يۇقىرىغا يوللانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش،خىزمەت ئۇچۇرنى ۋاقتىدە  يوللاش

قاتارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى ئۇمۇمى ئۇختۇرۇش قىلدى. ئارقىدىن

كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسى كېسەل ئەيدىز كېسەل بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش ئېلى مەمەت 2017-يىلى

بىرىنچى ئايدىكى مۇھىم خىزمەتلەرگە قارتا ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

تۇردى ئىمىن يىغىنغا قاتناشقان خادىملارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،خۇلاسە خاراكتېرلىك سۆز قىلدى

ھەم تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى : بىرىنچى ، ھەر قايسى يېزا - بازار ،مەھەللە

ئىش باشقارمىسى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى يېزىلارغا كېڭەيتىپ داۋالاش نوقتىسى قۇرۇش خىزمىتىنى

ئىلگىرى سۈرۈپ ،مەسئۇل خادىمنى بىكىتىپ تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىپ، بىمارلارنىڭ ئارخبىنى ئۆتكۈزۋېلىش قاتارلىق تەييارلىق

خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ھەر ئايدا ۋېرۇسنىڭ

 زىچلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈشكە تىگىشلىك كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى مۇناسىۋەتلىك زىيارەت قىلغۇچى ئورۇنلارغا تەمىنلەپ،

ۋىرۇسنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەش نىسبىتىنىڭ ئۇرۇنلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدا تەكشۈرۈش ۋاقىت ئۆلچىمىنى ياخشى

ئىگەللەپ،داۋالانغان ۋاقتى شەرتىكە توشمىغان ،دۇرىنى توختىۋەتكەنلەردىن قان ئېلىنىپ تەكشۈرلۈشتىن ساقلىنىش؛

ئۈچىنچى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ۋە مىتادۇن بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتۇريىسى جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ

ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ئەيدىز كېسەل مەركىزىنىڭ [ 2016 ] 117 - نومۇرلۇق

ھۆجىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يۇقىرغا يوللاش؛

تۆتىنچى ، پاھىشە ، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ؛ بەشىنچى، 2016ـ يىللىق

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى ئارخىپىنى ۋاقتىدا ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

ئالتىنچى ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار /بىمارلارنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش

خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار. 

(كۇچا ناھىيلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىدىن نۇرمانگۈل ئابلىز)

              

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】