نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

كۇچا ناھىيىسى ئىشخىلا بازارلىق شىپاخانا يۇقۇملانغۇچى بىمارلانى زىيارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئىشلىدى

مەنبەسى : يوللىغۇچى : ئايشەمگۈلۋاقتى : 2017-02-03كۆرۈلىشى :

 

كۇچا ناھىيىسى ئىشخىلا بازارلىق شىپاخانا يۇقۇملانغۇچى بىمارلانى زىيارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئىشلىدى
 
كۇچا ناھىيىسى 2017-يىلى ئەيدىز كېسلى ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلانى زىيارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش، مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ چۈشۈرگەن كۆرسەتكۈچلىرىنى غەلبىلىك ئۇرۇنلاش ئۈچۈن، يېلنىڭ بېشىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىپ،خىزمەت ئۇسۇلىنى تەڭشەپ،يىل بېشىدىن باشلاپ يۇقۇملانغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ باشقۇرۇش،جۆرىسىنى تەكشۈرۈش ،داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىشلەشنى ئۇرۇنلاشتۇردى.
ئىشخىلا بازارلىق ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانسى ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن بازارلىق شىپاخانا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى ۋە پىدائىلاردىن زىيارەت گوروپپىسى تەشكىل قىلىپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ سۆھپەت ئېلىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى ،تۇرمۇش داۋالىنىش ئەھۋالنى ئىگەللىدى،جۆرىسىنى ئەيدىز كېسلىگە قارتا تەكشۈردى.قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە 100نەپەردىن كۆپرەك زىيارەت ئوبيىكتىدىن %60 دىن يۇقۇرى كىشىلەر بىلەن يۇزتۇرانە زىيارەتتە بولدى.ئاقما بىمارلارغا قارتا تېلېفۇن ياكى يېقىن توققانلىرى ئارقىلىق زىيارەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ،قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە ۋاقتىدا داۋالىنىشقا يىتەكچىلىك قىلدى.زىيارەت جەريانىدا ۋىروسقا قارشى دۇرىلارنى توختۇپ قۇيغان ياكى تەلەپ بۇيىنچە يىيەلمىگەنلەرگە دۇرىنى ۋاقتىدا تۇلۇق يىيىشنىڭ ئەھمىيتىنى چۈشەندۈرۈپ ،ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. زەھەر چەككۈچىلەرنى زەھەرنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ،مىتادۇن بىلەن قامداپ داۋالىنىشقا تۇنۇشتۇردى،قىيىنچىلىقى بارلارغا دۆلەتنىڭ ھەرخىل ئىتبار بىرىش كەچۈرۈم قىلىش سىياساتلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ،بەھرىمان بۇلۇش يۇللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.

(ئىشخىلا بازارلىق شىپاخانا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسدىن:ئايشەمگۈل.)

【مەسئۇل تەھرىر : 】