نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > ئاقسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئونسۇ ناھىيىسنڭ ساغلاملىق ئاھاللەر كومىتىتدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى

  • باي ناھىيەسىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ۋە تەربىيلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

  • كۇچا ناھىيىسدە -2017 يىلى 1-ئايلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

  • كۇچا ناھىيسى تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پالىيتىدە، ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدى

  • كەلپىن ناھىيىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسدا تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  • ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەجىربىلىك مۇتەخسسلەر كەلپىن ناھىيىمىزگە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى

كۇچا ناھىيىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ھەقسىز داۋالاش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ،ئەيدىزنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىنى جانلىق ئىشلىدى

مەنبەسى : كۇچايوللىغۇچى : زۇلخۇمارۋاقتى : 2017-02-17كۆرۈلىشى :

 

كۇچا ناھىيىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ھەقسىز داۋالاش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ،ئەيدىزنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىنى جانلىق ئىشلىدى
 
ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت بىلىملىەرنى تەشۋىقات قىلىش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن خەتىرىنى ئازايتىش ھەمدە كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ  ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى  ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،كۇچا ناھىيىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى 2017-يىللىق باھار بايرىمى كىلىش ھارپىسىدا ، ناھىيىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە ، ئۇزۇن بازىرىنىڭ ئۇزۇن 2-كەنىت ، ئۈچقارا 1-كەنىت،غول ئېرىق كەنىتلىرىدە ئېلېپ بېرىلغان «ھەقىسىز كېسەل كۆرۈش ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ،كەڭ دېھقانلار ئاممىسىغا  «زەھەردىن يىراق تۇرۇپ ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى» تېمىسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ باردى.
پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول سەرخىل بولۇپ، تەشۋىقات ۋاراقچىسى ، تەشۋىقات قوللانمىسى ،تەشۋىقات رەسىملىرى تارقىتىلدى، تەشۋىق دوسكىلىرى تۇرغۇزۇلۇپ،  دېھقان قېرىنداشلارغا ئەيدىز ھەققىدە ئاساسىي ساۋات، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە ساۋات، ئانا –بالا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا يولغا قويغان غەمخورلۇق سىياسەتلىرى قاتارلىق بىلىملەر تەشۋىق قىلىندى، بۇ ئارقىلىق  يېزىدىكى  كەڭ خەلىق ئامسنىڭ ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان چۈشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە چىقىرىلغان لوزىنكا 3 تال،تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋارىقى 2000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ ،نەپكە ئېرىشكەن دىھقان 1000ئادەم قېتىمدىن ئاشتى ،دىھقانلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ناھايتى ياخشى بۇلۇپ،زەھەرلىك چېكىملىك ،ئەيدىز ھەققىدە ئۆزلىكىدىن كېلىپ مەسلىھەت سورىدى ،تەشۋىقاتچى خادىملارمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈردى،دېھقان قېرىنداشلارمۇ بۇ قېتمقى پائالىيەتتىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى،بۇندىن كېيىن ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەيدىزدىن ئورتاق ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
( كۇچا ناھىيىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدىن زۇلخۇمار )

【مەسئۇل تەھرىر : 】