نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قەشقەر

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پوسكام ناھىيىسى شاڭخەي داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتناشتى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋالدى

  • يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى

  • پوسكام ناھىيىسى يىڭى سىناق نۇختىسى يارىتىپ يۇقۇملانغۇچىلارنى يوقلاش خىزمىتىنى يىزا بازارلارغا چۈشۈردى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش كەسپى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىردى

  • پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلدى

يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يۈسۈپ قادىرۋاقتى : 2016-12-16كۆرۈلىشى :

 

يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى
ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتلىك ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن، ئورنىمىز مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، لىكسىيە پائالىيتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، 2016 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە ناھىيىمىزنىڭ سىيەك يېزىسى، تېرىم يېزىسى، ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا، 2 – ئوتتۇرا، كەسپى تېخنىكا مەكتەپ،ناھىيىلىك دوختۇرخانا قاتارلىق ئۇرۇنلاردا 8 مەيدان ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بۇيۇنچە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى. ھەر قېتىملىق لىكسىيە سۆزلەشتە قاتناشقۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن لىكسىيە ئاڭلاپ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بۇيۇنچە مەلۇم بىلىم ئىگىلىدى. بۇ قېتىملىق لىكسىيە پائالىيتى ئارقىلىق دىنىي زاتلار، ئۇقۇتقۇچىلار، ئايال كادىرلار، كەنىت كادىرلىرى، دىھقانلار ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى قاتارلىق بۇ قېتىملىق لىكسىيە پائالىيتىنىڭ نوختۇلۇق تەشۋىقات ئوبىكتىلىرىنىڭ ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلىش نىسپىتى ۋە ئۆز ئۈزىنى قوغداش ئاڭلىقلىغى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى. ھەمدە لىكسىيە قاتناشقۇچىلىرىدىن بۇندىن كىيىنكى خىزمەت تۇرمۇش جەريانىدا ئەتراپىدىكىلەرگە ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلىش نىسبىتىنى ۋە ئۆز ئۈزىنى قوغداش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىلىرىنى قۇشۇش چاقىرىق قىلىندى.
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمى ئەزاسى، تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىغى ئىمىگۇل بارلىق لىكسىيە پائالىيتىگە باشتىن ئاخىر قاتناشتى. بۇ قېتىملىق لىكسىيە پائالىيتىگە قاتناشقۇچىلار جەمئى 3500 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، لىكسىيە جەريانىدا لىكسىيەگە قاتناشقۇچىلارغا تەشۋىقات قوللانمىسى، تەشۋىقات ۋارىغى قاتارلىق تەشۋىقات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بىرىلدى. لىكسىيە جەريانىدا يەنە مۇكاپاتلىق سۇئال جاۋاپ پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىپ، سۇرالغان سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بەرگۈچىلەرگە چاي ئىستىكانى، كىر سۇپۇن، خاتىرە قەلەم قاتارلىق ماددى بۇيۇملار مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بىرىلدى.

【مەسئۇل تەھرىر : 】