نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قەشقەر

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پوسكام ناھىيىسى شاڭخەي داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتناشتى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋالدى

  • يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى

  • پوسكام ناھىيىسى يىڭى سىناق نۇختىسى يارىتىپ يۇقۇملانغۇچىلارنى يوقلاش خىزمىتىنى يىزا بازارلارغا چۈشۈردى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش كەسپى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىردى

  • پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلدى

«12.1 دۇنيا ئەيدىز كۈنى» ھارپىسىدا يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىرىنچى سىپىدىكى خادىملار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىدىن ھال سۇراش پائالىيتى ئېلىپ باردى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يۈسۈپ قادىرۋاقتى : 2016-12-22كۆرۈلىشى :

 

«12.1 دۇنيا ئەيدىز كۈنى» ھارپىسىدا يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىرىنچى سىپىدىكى خادىملار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىدىن ھال سۇراش پائالىيتى ئېلىپ باردى
 
ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىرىنچى سىپىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىغى ۋە داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان كىسەللەرنىڭ داۋالاشقا مايىل بۇلۇش ئاڭلىقلىقىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش مەخسىتىدە ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترۇل قىلىش مەركىزى 2016 – يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىردا ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىرىنچى سىپىدىكى خادىملار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىدىن ھال سۇراش پائالىيتى ئېلىپ باردى.
پائالىيەت داۋامىدا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى قاتارلىق ئۇرۇنلاردىكى كىلىنكا دوختۇرى، لابىراتۇرىيە خادىمى، كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكى خادىملار قاتارلىق خادىملاردىن ھال سۇراش ئېلىپ باردى، بۇ قېتىمقى ھال سۇراش پائالىيتى ئارقىلىق ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىرىنچى سىپىدىكى خادىملارنىڭ ئەيدىز كىسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ئاكتىپچانلىغى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى. ناھىيىمىزدە نۆۋەتتە داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇنلانغۇچى ئۇمۇمى كىسەل سانىنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئۈنۈمى ۋە بىمارلارنىڭ داۋالاش ۋە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشچانلىغىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئورنىمىز يېقىن ئەتراپتىكى 32 نەپەر بىمارنى يىغىپ سۆھبەت يىغىنى ۋە ھال سۇراش پائالىيتى ئېلىپ باردى. پائالىيەت جەريانىدا بىمارلارنىڭ داۋالاش، تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىمىزگە بولغان تەكلىپ پىكىرلىرى ئېلىندى، ھەمدە بۇندىن كىيىنكى داۋالىنىش، تەكشۈرتىش جەريانىدا دۇرىنى دوختۇرنىڭ تەلىپى بۇيۇنچە ۋاختىدا، تۇلۇق مىقتارلىق ئىستىمال قىلىش، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرتىشلەرگە ۋاختىدا قاتنىشىش ئارقىلىق ۋىروسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. سۆھبەت يىغىنى ئاخىردا سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقۇچى بىمارلاردىن ئۇزۇقلۇق تالقىنى، سۈت قاتارلىق يىمەكلىكلەر بىلەن ھال سۇراش ئېلىپ بېرىلدى.
 
يوپۇرغا ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترۇل قىلىش مەركىزى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بۈلۈمى
2016 – يىلى 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】