نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قەشقەر

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پوسكام ناھىيىسى شاڭخەي داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتناشتى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋالدى

  • يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى

  • پوسكام ناھىيىسى يىڭى سىناق نۇختىسى يارىتىپ يۇقۇملانغۇچىلارنى يوقلاش خىزمىتىنى يىزا بازارلارغا چۈشۈردى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش كەسپى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىردى

  • پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلدى

پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋالدى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يۈسۈپ قادىرۋاقتى : 2016-12-22كۆرۈلىشى :

 


پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋالدى

 

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسىدىن دىلشات ياقۇپ گۇرۇپپا باشلىغى، ۋاڭ شىنچى ،مايۈتىڭ، چېن جىڭ ،لى رۇيلەن ،گۇڭشىياۋخۇلار گۇرۇپپا ئەزالىغىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پوسكام ناھىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىگە قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۇرۈش ئىلىپ باردى .تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەھىيە ئىدارىسى ،كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى ،خەلىق دوختۇرخانىسى ، ئانا –بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى ،مۇئارىپ ئىدارىسى ، مالىيە ئىدارىسى ،خەلىق ئىشلار ئىدارىسى ،مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا نەخ مەيداندا دەسلەپكى خاتىرە ئارخىۋى ،كۆپ ئورۇخادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ،سۆھبەت يىغىنى چاقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى .ئاساسلىق قىلىپ خەلىق ئىشلار ياردىمى ،تەشۋىقات ، مەبلەغنىڭ ئورنىغا كىلىش ئەھۋالى ،ئۆلگىلىك رايۇنلارنىڭ تۈرلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمىللىشىدىن باشلاپ ،كۆپ ئورۇنلارنىڭ قاتنىشىشى ،ھەر دەرىجىلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىشخانىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ،سەھىيە داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ،كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش كونتۇرۇل قىلىش ئورنىنىڭ يولغا قويۇش ئىختىدارى قاتارلىقلارنى باھالاش ئىلىپ باردى ، ھەمدە ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەربىلەن تونۇشۇپ چىقتى .                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                 

سۆھبەت يىغىنىداناھىيىلىك خەلىق ھۆكۈمىتى ۋە مۇداسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پوسكام ناھىيىسىنىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى ۋە كىيىنكى خىزمەتلەرگە بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى ، سۆھبەت يىغىنىغا ناھىيىنىڭ ئاساسلىك رەھبىرى ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش كومىتىتىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە سەھىيە داۋالاش ئورۇنلىرى رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بولۇپ 30 نەپەر ئادەم قاتناشتى . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسىدىن مۇدىر دىلشات ياقۇپ ئەيدىز كىسەللىك ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش ۋە يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەت ئاساسىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىنى ،دۆلەتنىڭ « 13-5 يىللىق » پىلان تەلەپلىرىنى ۋە كىيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىكىرىنى چۈشەندۈرۈپ ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاشتا « بىر جايدا بىر سىياسەت » ،«ئۈچ %90 » خىزمەت تەلىۋى بويىچە ، جەمىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئالدىنى ئىلىش داۋالاش تەدبىرىنىڭ ئەمىلىلىشىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا زورايتىپ ،ئەيدىز كىسىلىنى ۋاختىدا بايقاش ،ۋاختىدا داۋالاش ۋە داۋالاش ئۈنۈمدارلىق نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،مەكتەپ ۋە ياشانغانلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ياش ئوقۇغۇچىلارۋە ياشانغانلار ئارىسىدا ئەيدىز كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش چىكى، يىڭى كۆپىيىش نوختىسى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ، ئەرخوتۇن بىر تەرەپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئائىلىلەرنىڭ مۇداپىئە ،داۋالاش ۋە ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ،دۆلەت تۈزگەن كونتۇرۇل قىلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى .                     

ئاخىرىدا مۇئاۋىن ھاكىم يولداش ماشىنخۇا خۇلاسە سۆز قىلىپ ، ھەر قايسى ئورۇنلار ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، خىزمەتلەردە ساقلانغان يىتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا قايتا ئويلۇنىشىمىز ،ناھىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ھەرقايسى ئورۇنلار يۇقىرى دەرىجدە ئەھمىيەت بىرىپ ،ھەقىقى ھەركەتكە كىلىپ ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىدىكى ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمىللىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ ،«ھۆكۈمەت يىتەكچى ،ئورۇنلار زىچ ماسلىشىشى ، پۈتۈن جەمىيەت كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىش » تەك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش مىخانىزىمىنى ئومومى يۈزلۈك تۇرغۇزۇپ ، ئەيدىزنىڭ يامراپ جەمىيەت ئامانلىقىغا ،خەلىقنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىشىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىشىمىز لازىم دەپ كۆرسەتتى.

 يازغۇچى :پوسكام ناھىيىلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش كونتۇرۇل قىلىش مەركىزىدىن ئايشەمگۇل غوپۇر

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】