نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قەشقەر

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پوسكام ناھىيىسى شاڭخەي داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش بىلىملىرى مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتناشتى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋالدى

  • يوپۇرغا ناھىيىسى ئەيدىز كېسەللىگى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى

  • پوسكام ناھىيىسى يىڭى سىناق نۇختىسى يارىتىپ يۇقۇملانغۇچىلارنى يوقلاش خىزمىتىنى يىزا بازارلارغا چۈشۈردى

  • پوسكام ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش داۋالاش كەسپى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىردى

  • پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلدى

كوناشەھەر ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتورۇل قىلىش مەركىزى قوشماقلاشقان ئائىللىرىگە ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغىرسىدا تەشۋىقات ئىلىپ باردى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : يۈسۈپ قادىرۋاقتى : 2017-02-06كۆرۈلىشى :

 

 
كوناشەھەر ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتورۇل قىلىش مەركىزى قوشماقلاشقان ئائىللىرىگە ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغىرسىدا تەشۋىقات ئىلىپ باردى
1-ئاينىڭ 30،31-كۈنى كوناشەھەر ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتورۇل قىلىش مەركىزدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇلاقسۇ يېزا يۇقارقى مەنگەن كەنتىگە بىرىپ قوشماقلاشقان ئائىللىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر ئائىلە كىشلىردەك بولۇپ،باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزەيلى» تىمىسىدا پائالىيەت ئىلىپ باردى،بۇ قىتىمقى پائالىيەت پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ،ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىكى خادىملار ياشلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىنىقلىمسى،يۇقۇش يوللىرى،ھازىرقى تارقىلىش ئەھۋالى ۋە خەتىرى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغىرسىدا ئىككى مەيدان لىكسىيە سۆزلىدى،ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرنى ياخشى ئىگەللەپ،ئەيدىزدىن يىراق تۇرشى تەكىتلەندى.بۇ پائالىيەتكە جەمئىي 260قا يىقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ،پائالىيەت ئاخىرىدا مەركىزىمىز قاتناشقان بارلىق كىشلەرگە ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقات ۋاراقچىسى،قوللانمىسى ،تۇز قۇتسى ۋە سوپۇن پاراشۇكى قاتارلىق تەشۋىقات بويۇملىرى تارقىتىپ بىەردى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق بۇلاقسۇ يېزا يۇقارقى مەنگەنكەنت ئاھاللىرى ئەيدىز كېسلىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىينىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتتى،شۇنداقلا ئەيدىز كېسلىنىڭ ئادەتتىكى نۇرمال ئۇچۇرشىشلاردىن يۇقمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرلۇپ،كىشلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئەيدىز كېسلىگە بولغان ۋەھىمىسى ئۈنۈملۈك ئازايتىلدى،كۆپچىلىكتە توغرا بولغان كۆز قاراش شەكىللەندۈرلۈپ،ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كوناشەھەر ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتورۇل قىلىش مەركىزى

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】