نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

لۇپ ناھىيسىنىڭ ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرى بويىچە يۇز تۇرانە تەشۋىقات تەربىيە پائالىيتى

مەنبەسى : خوتەنيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-10كۆرۈلىشى :

 لۇپ ناھىيسىنىڭ ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرى بويىچە يۇز تۇرانە تەشۋىقات تەربىيە پائالىيتى

 

 

ھەر قايسى يىزا-بازارلاردىكى دىھقان ئاياللىرىنىڭ ئەيدىز كىسىلنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچايتىپ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچايتىش ئۈچۈن لوپ ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ تەشۋىقات ئەتىرىتى ئۇيۇشتۇرۇپ بەش يېزا ئىككى بازاردىكى كەنت ئاھالە كومتىتلىرىدا ھەممىمىز ھەركەتكە كىلىپ «ئەيدىز كىسىلىنى 0 گە چۈشۈرەيلى» دىگەن تىمىنى چۆرىدەپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بۇيىچە يۈزتۇرانە تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيتى ئېلىپ باردى.
لوپ ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشۋىقات ئەترىتى ئاياللار تۇرمۇشىدىكى ئەمىلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە بولغان زىينىنى، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسى بىلىملىرى، قانۇن –تۈزۈم، « 4تە ھەقسىز 1دە غەمخورلۇق قىلىش» سىياسەتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى .

 

 

 

 

 


كەڭ دېھقان ئاياللىرىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەردىن بىلمىگەن سۇئاللىرىنى سۇراپ ئۆزىنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى ئېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
بۇقېتىمقى تەشۋىقى تەربىيە پائالىيتى جەمئى 18مەيدان ئېلىپ بېرىلدى، ھەرقايسى يېزا –بازارلاردىن 2500دىن ئارتۇق ئايال تەشۋىقى-تەربىيە مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپتى، 3000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتىرىيالى تارقىتىلىدى.
شۇنداقلا ئائىلىسىگە قايتقاندىن كىيىن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق –تۇققان، قۇلۇم –قوشنىلارغا ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسىدا تەشۋىقات قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشتى.
لوپ ناھىيە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】