نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

لۇپ ناھىيسى ياز پەسلىدىكى سەھىيەنى يىزىلارغا يەتكۈزۇش پائالىيتىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرى تۇغرىسىدا نۇتۈق سۇزلىدى

مەنبەسى : خوتەنيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-10كۆرۈلىشى :

خۇتەن ۋىلايىتى لۇپ ناھىيسى ياز پەسلىدىكى سەھىيەنى يىزىلارغا يەتكۈزۇش پائالىيتىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرى تۇغرىسىدا نۇتۈق سۇزلىدى

 

 

 

   لۇپ ناھىيلىك سەھىيە ئىدارسىنىڭ ئۈيۈشتۇرۇشى ئاستىدا ناھىيىلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ياز پەسىلىدىكى سەھىيە يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇدى. ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تەشۋىقات ئەتىرىتى ئەيدىز كسىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمى، تۈبىركىلىيۈزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمى، پىلانلىق ئىممۇنىت بۈلۈمى ھەمدە ساغلاملىق تەربىيسى بۈلۈمىدىكى مەخسۇس كەسپى خادىملاردىن تەركىب تاپقان 9-ئاينىڭ 1-كۈندىن 6-كۈنىگىچە ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكىلەر بۇيا يېزىسى، چاھارباغ يېزىسى، ناۋا يېزىسىغا بېرىپ ھەرخىل كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بۇيىچە نۇتۇق سۆزلىدى، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكىلەر ھەرقايسى ئاممىغا ئەيدىز كىسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر توغرىسىدا سۆزلەپ نوقتىلىق ھالدا ئەيىدىز كىسەللىكىنىڭ يۇقۇش يوللىرى، ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇقۇملانغاندىن كىيىنكى داۋالىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
شۇنداقلا كەڭ خەلىق ئاممىسىغا ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى، باشقا مۇناسىۋەتلىك بۈلۈمدىكىلەر تۈبىركىلىيۈز كىسىلى، يەرلىك كىسەل توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، بۇقېتىملىق تەشۋىقات پائالىيتىگە كەنتىدىكى كادىرلار، كەنتە دوختۇرلىرى، ئاياللار ۋەكىل بۇلۇپ 1200 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

 


ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ماتىرىياللىرىدىن 2100 پارچە تەشۋىقات رەسىمىدىن 400 پارچە، بىخەتەرلىك قاپچۇقىدىن 250دانە تارقىتىلدى.
چوڭ كۆلەملىك سەھىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيتى ئارقىلىق دىھقان –چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۆستى.
يۇقۇملۇق كسىەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئاڭ-سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇقېتىمقى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقى –تەربىيە پائالىيتى ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەمىئىيەت مۇقۇملىقىنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا جەمىئەتنىڭ ئىناق تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيتى بارلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ ناھىيىمىزنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ياخشى كەيپىيات ھاسىل قىلدى.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】