نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

مەنبەسى : خوتەنيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-27كۆرۈلىشى :

  خوتەن ناھىيە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلىمىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان لىكسىيەسى

 


  خوتەن ناھىيە باغچى بازارلىق شىپاخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن چالۋاش ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ناھىيىلىك ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىكى خادىملار ۋە ناھىيىلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىدىكى خادىملار باشچىلىقىدا 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى باغچى بازىرى چالۋاش ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەشۋىقات لىكسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى . بۇقېتىمقى تەشۋىقات ئاڭلىغۇچى 600نەپەر ، تارقاتقان تەشۋىقات ماتىرىيالى 550 ۋاراق ، رەسىملىك كىتاپتىن 50 پارچە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ناھايتى ئۈنۈملىك بولغان تەشۋىق-تەربىيە لىكسىيەسى ئېلىپ بېرىلدى.  بۇ ئارقىلىق چالۋاش ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەيدىز كىسىلى بىلىملىرىگە قارىتا چۈشەنچىسى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.

 

خوتەن ناھىيىلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىدىن : ئارزىگۇل  ئابدۇللا
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】