نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

خۇتەن ۋىلايىتىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتى قۇرۇلۇش ئۇرۇنلىرىغا كىرگۈزۈلدى

مەنبەسى : خۇتەنيوللىغۇچى : گۈزەلنۇرۋاقتى : 2016-10-18كۆرۈلىشى :

 

خۇتەن ۋىلايىتىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتى قۇرۇلۇش ئۇرۇنلىرىغا كىرگۈزۈلدى

قۇرۇلۇش ئۇرۇنلىرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئارىسىدا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن، خۇتەن ۋىلايەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى خۇتەن ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش كومتىتى بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇلۇش ئۇرۇنلىرىدا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى خۇتەن ۋىلايەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى جىنسى كىسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكى خادىملار  بېيجىڭ شەھرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن قۇرۇلغان ۋىلايەتلىك تىياتىرخانا تۈر قۇرۇلۇش ئورنىغا كىلىپ، شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەر ئارىسىدا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. 50 نەپەرگە يېقىن ئىشلەمچى لىكسىيەنى ئاڭلىدى.

لىكسىيە جەريانىدا جىنسى كىسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىكى خادەملار ئەيدىز كىسىلىنىڭ خۇتەن ۋىلايىتىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى، ئاساسى بىلىملەر، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى، ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن مەسلىھەت سوراشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بەردى. شۇنداقلا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئۈزىدىن يىراق ئەمەسلىگى، ئۆز ئۈزىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىغى توغرىسىدا توختالدى. لىكسىيە جەريانىدا سۇئال سوراش .جاۋاپ بىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللۇنۇلۇپ لىكسىيە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. لىكسىيە ئاخىردا 50 نۇسقا تەشۋىقات ماتىريالى، 20قاپ بىخەتەرلىك قاپچۇغى تارقىتىپ بىرىلدى.

بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ئارقىلىق قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان تۇنۇشى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى. شۇنداقلا جىنسى كىسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكى خادەملار ئاممىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى، بۇندىن كىيىن بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كەڭەيتىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى چوڭقۇر سېس قىلىپ يەتتى.

(ئاپتۇر : جاڭ جىڭ           تەكشۈرگۈچى:لىيۇ شىياۋمىڭ)

【مەسئۇل تەھرىر : 】