نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

خۇتەن ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 2016-يىللىق ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرش ئېلىپ باردى

مەنبەسى : خۇتەنيوللىغۇچى : گۈزەلنۇرۋاقتى : 2016-10-18كۆرۈلىشى :

 

 

 

خوتەن ۋىلايەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرش ئېلىپ باردى
      خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خىزمەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن،2016-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىيۇ شىياۋمىڭ نىڭ يىتەكچىلىگىدە ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلدى.
     بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئونۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ئۆلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنىڭ يولغا قۇيۇلۇش ئەھۋالى، 17 تۈرلۈك كەسپى كۆرسەتكۈچ سۈپىتىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايۇنلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، مەركەز مەبلىغى خىزمەت كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىندى. تەكشۈرۈشتە دوكلات ئاڭلاش،  ئارخىپلارنى كۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى توردا يوللاش، ھەرتۈرلۈك جەدىۋەل، ئۇچۇرلارنىڭ  تور بىلەن بىردەكلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلدى. 7 ناھىيە بىر شەھەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلىرىدە ساقلانغان   ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى، CD4تەكشۈرۈشنىڭ تۈۋەن بۇلۇش، خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش نىسبىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشى ، ئارخىپ ماتىرياللارقېلىپلاشماسلىق، ئاممىنىڭ بىلىش نىسبىتى تۆۋەن بۇلۇش، تەشۋىقات شەكلى ئاددى بۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەخمەيداندا تەربىيەلەش ۋە يىتەكلەش ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ھەرقايسى  ناھىيە شەھەرلەرنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان تۇنۇشى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يەنە بىرتەرەپتىن ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردىكى كەسپى خادەملارنىڭ خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا بولغان تۇنۇشى يۇقۇرى كۈتۈرۈلۈپ ساقلانغان مەسىلىلەر كۆرسىتىپ بىرىلدى. ناھىيە شەھەرلەرنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى نەخمەيداندا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، كىيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
(ئاپتۇر: جاڭ جىڭ                                  تەكشۈرگۈچى: لىيۇ شىياۋمىڭ)

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】