نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

خۇتەن ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى«ساغلاملىق سەييارە تەشۋىقاتى» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى : خوتەنيوللىغۇچى : گۈزەلنۇرۋاقتى : 2016-10-18كۆرۈلىشى :

 

خوتەن  ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى«ساغلاملىق سەييارە تەشۋىقاتى» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى
           ئاپتونۇم رايۇننىڭ 2016-يىللىق ساغلاملىق سەييارە  تەشۋىقات تۈر خىزمىتىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، ۋىلايەتلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە يەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېبىركۇلىيۇز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش، ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش خادەملىرى قاتارلىق 12 نەپەر كەسپى خادەم ئاجىرتىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بۇيىچە 45 كۈنلۈك ساغلاملىق سەييارە تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇردى. ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادەملىرى بۇ قېتىمقى ساغلاملىق سەييارە تەشۋىقات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ 7ناھىيە بىر شەھىرىدە ئەيدىز كىسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بلىلملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتتا جانلىق ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلى، جىنسى كىسەللىكلەر، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئىنسانلار ۋە دۆلەتكە كەلتۈردىغان زىيىنى، دۆلىتىمىزنىڭ«4كەچۈرۈم بىردە كۈڭۈل بۈلۈش» سىياسىتى، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار تەپسىلى سۆزلەندى. تەشۋىقات ئاخىردا ئامما سورىغان سۇئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىلدى. تەشۋىقات جەريانىدا 3000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھرى، خوتەن ناھىيىسى، قارقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيا ناھىيىسىنىڭ يېزا- بازارىرىدا جەمئى 32 مەيدان لىكسىيە سۆزلىنىپ، 13368نەپەر ئادەم لىكسىيەنى ئاڭلىدى.
       بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىدە كەڭ ئاممىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ زىيىنى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە سەھىيە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىغىغا بولغان تۇنۇشى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى.
(ئاپتۇر: جاڭ جىڭ             تەكشۈرگۈچى: لىيۇ شىياۋمىڭ)

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】