نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > خوتەن

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 29-قېتىملىق‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى›ھال سوراش سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى

  • بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

  • قارقاش ناھىيىسىنىڭ 3-پەسىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىندى

  • لوپ ناھىيىسى ئەيدىز ۋە جىنسي كېسەل بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى

  • خوتەن ناھىيىسى مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى ئېلىپ باردى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر خوتەن ناھىيىسىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىلدى

بېيجىڭ شەھرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس قارىقاش ناھىيىسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

مەنبەسى : خوتەنيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-11-08كۆرۈلىشى :

    بېيجىڭ شەھەرلىك كىسەلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز كىسەللىكى ۋە جىنسىي كىسەللىكلەر مۇتەخەسىسى لىيۇ گوۋۇ قارقاش ناھىيسنىڭ ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.


2016-يىلى 10-ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھەرلىك كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز ۋە جىنسىي كىسەللىكلەر مۇتەخەسىسى لىيۇ گوۋۇ ناھىيىمىزنىڭ ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش ئونۋېرسال خىزمەتلىرىگە تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلدى.

 


مۇتەخەسىس لىيۇ گوۋۇ مەركىزىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئشخانىسى، دورا بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتۇرىيەسى،(مىساتوڭ ئامبۇلاتۇرىيەسى) ناھىيلىك دوختۇرخانا ۋىروسقا قارشى داۋالاش مەركىزى، ناھىيلىك ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈشتىن كىين مۇتەخەسىس لىيۇ گوۋۇ ناھىيىمىزدىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئىدارە ئۇرۇنلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەشۋىقات خىزمىتىگە كۈڭۈل بۈلىدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە ناھيمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئشلەش ئۈچۈن خەتەرلىك كىشلەر تۇپىنى تەكشۈرۈش خەزمىتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بىمارلارنىڭ جۆرىسىنى يوقلاش، دورائىچىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

 


تەكشۈرىشتىن كىيىن ئۆز ئارا پىكىرلىشىش ئارقىلىق ناھىيىمىزنىڭ ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەتلىرىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ دەل ۋاختىدا تۈزۈتۈش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى، بۇئارقىلىق ناھىيىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىدە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەش بولدى.
قارىقاش ناھىيلىك كىسەللىكنىڭ ئاادىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئلدىنى ئېلىش ئشخانىسى: گۈلگينە
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】