نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قىزىلسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۇچۇرى(2)

  • 12-ئاينىڭ 1- كۇنى 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇرۇشلۇك پائالىيەت ئۇچۇرلىرى

  • ئاتۇش شەھرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى

  • ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئاتۇشتا ئەيدىزمۇ تەكشۈرۈلدى

  • ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئاتۇشتا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

ئاتۇشتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى : ئاتۇشيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-02كۆرۈلىشى :

ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئونۋىرسال بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش ۋە خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش مەخسۇس كۇرۇسى ئاچتى

2016-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۇنى ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرول قىلىش مەرگىزى 3-قەۋەت يىغىن زالىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خزمىتىنى ئىلگىرى سۇرۇش توغرۇلۇق مەخسۇس كۇرۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىدىكى يېڭى تەلەپ-پىكىر، يېڭى مەزمۇن ۋە ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش توغرىسىدىكى ھالقىلىق مەزمۇنلاردىن كۇرسانتلارنى تولۇك خەۋەردار قىلىش بىلەن بىرگە، ئاتۇش شەھرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى، يۇقۇش مەنبەسى، كونتۇرول قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى، ھەم بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. كورۇس باشلىنىش ئالدىدا مەركەز مۇدىرى جاڭ يۇجوڭ مۇھىم سوزقىلىپ: كۇرسانتلارنىڭ ئاتۇشنىڭ ھازىرقى يۇقۇم ئەھۋالىغا جىددى قاراپ، ئالدىنى ئېلىش داۋالاش ۋە جىددى بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقى-تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۇچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. كۇرۇسقا شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى كەسپى بولۇمنىڭ خىزمەتچىلىرى يېتەكچىلىك قىلدى، يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى، ئالدىنى ئېلىش بولۇم مەسئۇللىرى بولۇپ 30دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرول قىلىش مەركىزىدىن: ئامىنە ئابلەت 2016.9.1
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】