نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قىزىلسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۇچۇرى(2)

  • 12-ئاينىڭ 1- كۇنى 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇرۇشلۇك پائالىيەت ئۇچۇرلىرى

  • ئاتۇش شەھرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى

  • ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئاتۇشتا ئەيدىزمۇ تەكشۈرۈلدى

  • ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئاتۇشتا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

مەنبەسى : ئاتۇشيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-05كۆرۈلىشى :

ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

 



    ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئەيدىز-جىنسى كېسەل بولىمى شەھەرگە قاراشلىق نۇرلۇق ۋە بەخت سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، ئازاق يېزىلىق شىپاخانا، سۇنتاغ يېزىلىق شىپاخانا ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە 15 كىشلىك تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاتۇش چوڭ بازاردا كەڭ كولەملىك تەشۋىقات ئېلىپ باردى.
 

 

   بۇگۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت كىلىش ئالدىدىكى يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا كىشىلەر بازاردا ئىنتايىن كوپ ئىدى. تەشۋىقات ئەترىتىدىكى خادىملار بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا يۇكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراپ، "زەھەردىن يىراق تۇرۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى، زەھەر چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈرىشىگە پۇتكۇل جەمىيەت ئورتاق ئاتلىنايلى" دىگەن شۇئارلار يېزىلغان بايراقلانى لەپىلدىتىپ، پۇتكۇل بازاردىكى خەلقنڭ يۇرۇكىنى لەرزىگە سالدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھاياجانلىنىپ: تولىمۇ ياخشى ئىش قىلىپسىلەر، بۈگۈنكى بۇ ھەركىتىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلىشى مۇمكىن، بىزدا مۇشۇنداق يۇرەكلىك-جاسارەتلىك قۇشۇن بولسا بەلكىم ئازغان ياش باللىرىمىز توغرا يولغا قايتىپ قالار دەپ، ئاپىرىن ئېيتىشتى. ئەترەت خادىملىرى بازارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كىرىپ تۇرلۇك تەشۋىقاتلاردىن 3000 پارچە تارقاتتى.

 


   خەلقنىڭ ساغلاملىغى بىزنىڭ ئەڭ زور بەختىمىز، يۇرتىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بىر كىشىلىك توھپىمىزنى قوشالىساق شۇ بىزنىڭ نەتىجىمىز. تەشۋىقات خىزمىتى جاي-جايلاردا دولقۇن كوتۇرمەكتە، مانا بۇ زەھەردىن، ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ھاياتنىڭ كۈشەندىلىرىنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپداشلار بىزنىڭ تىرىشچانلىغىمىز بىكارغا كەتمەيدۇ، غەيرەت قىلايلى!

   ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى: ئامىنە ئابلەت،       2016-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】