نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قىزىلسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۇچۇرى(2)

  • 12-ئاينىڭ 1- كۇنى 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇرۇشلۇك پائالىيەت ئۇچۇرلىرى

  • ئاتۇش شەھرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى

  • ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئاتۇشتا ئەيدىزمۇ تەكشۈرۈلدى

  • ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئاتۇشتا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

ئاتۇشتا تۈرمە خىزمەتچىلىرىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى

مەنبەسى : ئاتۇشيوللىغۇچى : مەقسەتۋاقتى : 2016-09-06كۆرۈلىشى :

ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز- جىنسى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولىمى تۇرمە خىزمەتچىلىرىگە ئەيدىزدىن كەسپى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددى بىرتەرەپ قىلىش توغرۇلۇق لېكسىيە سوزلىدى

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتمىزنى ئادا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ كۇچەيتىپ، خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ ئەيدىزدىن ساقلىنىش ئېڭىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان خادىملارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاختىدا ئىگىلەپ تۇرۇش ئۇچۇن، مەركىزىمىز قەرەللىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئەيدىزغا قارتا تەكشۇرۇش ۋە تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
9-ئاينىڭ 1-كۇنىمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولىمىدىكى يولداشلار تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملاغا ئەيدىز كەسپى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساس قىلغان ئەيدىز ئونۋىرسال بىلىملىرىدىن مەخسۇس لېكسىيە ئېلىپ باردى.
لېكسىيە سۇئال سوراش، كەسپى بىلىملەرنى سوزلەش، ئەتراپىمىزدا يېقىندا يۇز بەرگەن ئەمىلى ئىشلانى مىسال قىلىش شەكلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغاچقا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملا بەس-بەس بىلەن سۇئاللارنى سوراشتى، كەسپى خادىملارنىڭ بىر-بىرلەپ ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىشى نەتىجىسىدە خىزمەتچى خادىملار ئۇزىدە ئايدىڭ بولمىغان مەسىلىلەرنى ئايدۇڭلاشتۇرۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان بىلىملەرگە ئىگە بولدى.
ئاخىرىدا خىزمەتچى خادىملار 1000تالچە تەشۋىقات ۋاراقچىسى ۋە قوللانما تارقىتىپ بەردى.
تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاىتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشقا پايدىلىقلا بولۇپلا قالماي، يەنە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان خادىملارنىڭ جەمىيەتكە قايتقاندىن كېيىن، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى تۇرغۇزۇپ، ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونتۇرول قىلىشقا بولغان تەسىرىمۇ چوڭقۇر بولىشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملرغىمۇ ساغلام بولغان خىزمەت سۇپىسى ھازىرلاپ، بۇندىن كېيىنكى ئوزى ۋە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىگىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تۇرغۇزۇش ئۇچۇن ئىلمى ئاساسلارغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن.
ئاتۇش شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرول قىلىش مەركىزى: ئامىنە ئابلەت 2016.9.2


 

【مەسئۇل تەھرىر : 】