نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قىزىلسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۇچۇرى(2)

  • 12-ئاينىڭ 1- كۇنى 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇرۇشلۇك پائالىيەت ئۇچۇرلىرى

  • ئاتۇش شەھرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى

  • ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئاتۇشتا ئەيدىزمۇ تەكشۈرۈلدى

  • ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئاتۇشتا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

12-ئاينىڭ 1- كۇنى 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇرۇشلۇك پائالىيەت ئۇچۇرلىرى

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : گۈلمېھرە ۋاقتى : 2016-12-05كۆرۈلىشى :

 12-ئاينىڭ 1- كۇنى بولسا 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى»، بۇ يىللىق تەشۋىقاتنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۇچۇن،12 -ئاينىڭ 1- كۇنى ،قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەرگىزى ئاتۇش خەلق مەيدانىدا 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» تەشۋىقات پائالىيتىنى قانات يايدۇردى .
ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى، دىلشات قىدىرخان ، ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، قەلبىنۇر ھۇسەن قاتارلىق ئوبلاست رەھبەرلىرى شۇنداقلا ئوبلاستلىق سەھىيە ،پىلانلىق تۇغۇت كومتىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى خەلىق مەيدانىغا كىلىپ تەشۋىقات پائالىيتىگە قاتناشتى .
 

IMG_20161201_120332.jpg

 بۇ قېتىمقى پائالىيەت، كەڭ خەلىق ئاممىسىنى جەلىپ قىلدى . پائالىيەت نەق مەيدانىدا تەشۋىقات خادىملىرى ئاممىغا دۆلەتنىڭ ئەيدىز كىسىلىدىن مۇداپىيەلىنىش،ھەقسىز داۋالىنىش سىياسەتلىرى ۋە داۋالىنىش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلدى . ھەمدە ئامما ئوتتۇرغا قويغان قىيىن مەسىللەر ۋە كوڭلىدىكى تۇگۇنلەرگە ئەتراپلىق چۇشەنچە بىرىش بىلەن بىرگە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش تەشۋىقات ماتىرياللىرى، گاندون ،كىچىك سوغات بويۇملىرى قاتارلىقلارنى تارقاتتى .مەسلىھەت بېرىش ئورنىنى ساغلاملىق توغرىسىدا مەسلەھەت سورايدىغان ئەر ئايال ،قېرى ياش ئاممىنى ئورىۋالدى .داۋالاش خادىملىرى ئاممىنىڭ سۇئاللىرىغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ ئەيدىز دىن قانداق مۇداپىيەلىنىشنى تەشۋىق قىلدى ،بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيتىدە 400 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتىرىيالى تارقىتىلدى ، نەخ مەيداندا 100دىن ئارتۇق ئادەمگە مەسلىھەت بېرىلىپ 200دىن ئارتۇق سوغات بۇيۇم تارقىتىلدى .نەخ مەيداندىكى كەيپىياتتىن ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش بىلىملىرىنىڭ كىشلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول ،ئەمىلى بولۇپ مۇئەييەن ئىجدىمائى تەسىر پەيدا قىلىپ  ،خەلىق مەيدانىدىكى ئاممىنىڭ ئومۇمى يۇزلۇك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

IMG_20161201_120332.jpg

 

 

 

ئۇنىڭدىن سىرت  11–- ئاينىڭ  30 -كۇنى «دۇنيا ئەيدىز كۇنى»تەشۋىقات يۇقۇرى دولقۇنى قوزغىتىلىپ مەرگىزىمىزنىڭ ئەيدىز بىلەن مۇداپىيەلىنىش،كونتۇرول قىلىش خىزمىتىدە ئېرىشكەن نەتىجىللىرى نامايەن قىلىنىپ قىزىلسۇ تىلۋىزىيە ئىستانسى بىلەن بىرلىكتە 12 -ئاينىڭ 1- كۇنى ئەيدىز كىسىلىدىن مۇداپىيەلىنىش،داۋالاش مەخسۇس فىلىمى ئىشلەندى .

IMG_20161130_180855.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : 】