نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > جايلاردا > قىزىلسۇ

يېڭىلىقلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۇچۇرى(2)

  • 12-ئاينىڭ 1- كۇنى 29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۇنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇرۇشلۇك پائالىيەت ئۇچۇرلىرى

  • ئاتۇش شەھرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى

  • ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئاتۇشتا ئەيدىزمۇ تەكشۈرۈلدى

  • ئاتۇش شەھىرىدە زور كولەملىك "زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى" توغرىسىدا تەشۋىقات دولقۇنى كوتۇرۇلدى

  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئاتۇشتا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

29 -–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۇچۇرى(2)

مەنبەسى : ئۆز خەۋىرىمىزيوللىغۇچى : گۈلمېھرە ۋاقتى : 2016-12-06كۆرۈلىشى :

   12 -ئاينىڭ 1- كۈنى بولسا 29 -قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» .دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كىلىش ھارپىسىدا ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى ،مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى، دىلشات قىدىرخان ، ئوبلاستلىق پارتىكۇمنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى قەلبىنۇر ھۇسەن قاتارلىق ئوبلاست رەھبەرلىرى ۋە ئوبلاستلىق سەھىيە ،پىلانلىق تۇغۇت كومتىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى خەلىق مەيدانىغا كىلىپ تەشۋىقات پائالىيتىگە قاتناشتى . ھەمدە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش داۋالاش خىزمىتىنىڭ بىرىنجى سېپىدە ئىشلەۋاتقان تىببى خادىملار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ، بەخىت سەھىيە مۇلازىمەت مەرگىزى مىتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتۇرىيەسىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ھال سورىدى .

IMG_20161201_121350.jpg

    ئوبلاستلىق پارتىكوم ،خەلق ھۆكۈمىتى ،يىللاردىن بۇيان ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش ،داۋالاش خىزمىتىگە يۇكسەك دەرئىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ئەيدىز نىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۇملۇك كونتۇرۇل قىلدى. ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرخان ، ئوبلاستلىق پارتىكۇمنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى قەلبىنۇر ھۇسەنلەر ، بىرىنجى سەپتىكى تىببى خادىملارغا بولغان سەمىمى غەمخورلىقىنى ئېلىپ ئاتۇش شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ئامبىلاتۇريىسى ۋە مىتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتۇرىيەسىگە كىلىپ ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش ،داۋالاش بىرىنجى سېپىدىكى تىببى خادىملار ۋە پىدايىلاردىن ھال سورىدى . دىلشات قىدىرخان«سىلەر مۇقەددەس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىلەر ،خىزمىتىڭلارنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپسىلەر ،مەن ئوبلاستلىق پارتىكوم ،خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەرگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن » دىدى. مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش ،داۋالاش خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دوختۇرخانىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش ،داۋالاش خىزمىتىدە ئېرىشكەن نەتىجىللىرىنى مۇئەييەنلەشتۇردى ،ئۇ مۇنداق دىدى: «ئاتۇش شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسى ۋىروسقا قارشى داۋالاشنىڭ بىرىنجى سەپتىكى داۋالاش ئاپىراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسى تەلپى بويىنچە مۇداپىيلىنىش،داۋالاش تەرتىۋىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇش ،مۇداپىيەلىنىش ،داۋالاش سالمىقىنى زورايتىش كىرەك ››. دىلشات قىدىرخان «ئەيدىز ئىنسانىيەت كىسەللىكلىرى ئىچىدىكى پۇتۇن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان كىسەللىك ،ئەيدىزدىن ئۇنۇملۇك مۇداپىيەلىنىش ئۇچۇن دۆلەت بىر يۇرۇش سىياسەت قانۇنلارنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ،ئەيدىز دىن مۇداپىيەلىنىش داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۇك ئېلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ،يۇقۇملانغۇچىلارغا قارتا تۇرلۇك داۋالاپ غەمخورلۇق قىلش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى» دەپ كۆرسەتتى .

IMG_20161201_121119.jpg

    ئۇ كەڭ تىببى خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ئەيدىز نى ئۈنۈملۇك كونتىرول قىلشنى بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ يەنىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولشىنى ئۇمۇت قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىرگە نوقتۇلۇق رايۇنلاردىكى نوقتۇلۇق تۇپنىڭ مۇداپىيەلىنىشى، داۋالاش، خىزمىتىنى كۇچەيتىپ ، مۇداپىيەلىنىش، داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئۇنۇمىنى ئۆستۇرۈشنى ئۇمۇت قىلدى.

IMG_20161201_123124.jpg

   دىلشات قىدىرخان قاتارلىقلار يەنە  ئاتۇش شەھەرلىق خەلىق دوختۇرخانىسنىڭ يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بولۇمىگە كىرىپ بىر نەپەر ئەيدىز بىمارىدىن ھال سۇرىدى .يۇقۇملانغۇچىنى داۋاملىق ئۇمۇتۋارلىق بىلەن ياشاش پۇزتسىيەسىنى ساقلاپ ، كىسەللىك بىلەن كۆرەش قىلىشقا ئىشەنچىسىنى تىكلەپ، داۋالاشتا چىڭ تۇرۇشقا، دادىللىق بىلەن يۇزلىنىشكە، تۇرمۇشنى قىزغىن سويۇشكە رىغبەتلەندۇردى .شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان ياردەم ۋە غەمخورلىقىنى كۇچەيتىپ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ جەمىيەتنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك غەمخورلىقىغا ئېرىشتۇرۇپ،ئاكتىپ ياشاش ئىرادىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ نورمال بولغان داۋالاش ئىزغا ۋە تۇرمۇش ئۆتكۇزۇش ئىزىغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .

【مەسئۇل تەھرىر : 】