نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > ئەرلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

ۋىتامىن B تولۇقلىسا، دېۋەڭلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-11كۆرۈلىشى :

    ھەر كۈنى ۋىتامىن B تولۇقلىسا ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ . يېڭىچە تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقالدىكى ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئېسىنى يوقاتقان ئادەم ئەگەر تەرتىپلىك ھالدا ۋىتامىن B تولۇقلاپ داۋالانسا، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلىيالايدۇ . ئەنگىلىيە «سەھىيە گېزىتى» نىڭ ئەڭ يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدە دېيىلىشىچە : ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋېتامىن B نى ئىستېمال قىلغان قاتناشقۇچىلارنى تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېرۋىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ئەسلىدىكىدىن يېرىمىدىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن .
   بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك بايقاش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك بىمارلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ . دورا دۇكانلىرى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان ۋىتامىن نۇرغۇنلىغان ياشانغانلاردىكى نېرۋا يىگىلەشنى توسالماسلىقى مۇمكىن ، بىراق ھېچ بولمىغاندا بۇ خىل جەرياننى كېچىكتۈرەلەيدۇ . بېلىق ، گۆش ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B كۆپ .
   تۈر يېتەكچىسى ، ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دورا تەسىرى ئىلىمى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى داۋىد شىمىس مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق ئاددى ، بىخەتەر داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتالايمىز . ئەنگىلىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق 70 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار يېنىك دەرىجىدىكى تونۇش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولغان ، بۇ بىمارلارنىڭ %50 بەش يىل ئىچىدە كېسەللىكى ئېغىرلىشىپ پۈتۈنلەي دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ . بۇ تەتقىقات ئۇلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ .
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】