نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > ئەرلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

قايماقلىق سۈت مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-13كۆرۈلىشى :

سۈتتىكى قايماقنىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە بىر تەركىب، يەنى سۈت فوسفىدىت بار. ئۇ بوۋاقلار مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئېلېمېنت. سۈت فوسفىدىت ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ، بېسىمنى ئازايتىدۇ. ياشانغانلار دائىم قايماقلىق سۈت ئىچىپ بەرسە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئادەم تېنىدىكى ياغنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنى قوغداپ، يۈرەك – مېڭە – قان تومۇرنى ئاسرايدۇ.
باشقا يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە سۈت فوسفىدىت بولسىمۇ، لېكىن قايماقلىق سۈتتە بار ئەۋزەللىك يوق. چۈنكى قايماقلىق سۈتتىكى سۈت فوسفىدىت ئانا سۈتىدىكى سۈت فوسفىدىت بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】