نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > ئاياللار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئاياللارنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى سالامەتلىكىگە زىيانلىق

  • ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندا بۇ خىل ساغلاملىق ئۆتكەللىرىگە دۇچ كېلىدۇ

  • ئاياللارنىڭ بالدۇر قېرىشىنى ئۈچ سۆزگە يەكۈنلىگىلى بولىدۇ، سىلەرچە قايسى ئۈچ سۆزدۇ؟

  • ئاياللارنىڭ بۆرىكىگە ئەڭ زىيانلىق ئالتە خىل ئادەت

  • ئاياللار تەخمىنەن قانچە ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق سېگناللىرى بار؟

  • قىش پەسلىدىكى تېرە مايلىشىشنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

قىش پەسلىدىكى تېرە مايلىشىشنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

مەنبەسى : http://face.39.net/a/181121/6661865.htmlيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-03كۆرۈلىشى :

 39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

1. دائىم ئۇۋۇلاش

ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى نەچچە مىنۇتتا يۈز قىسمىنى ئۇۋۇلاپ، ئارتۇقچە تېرە ياغ بەزلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تىزگىنلەپ، ياغنىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتىش كېرەك.

2.چاپلاق ياساش

كائولىن توپىسىدىن ئىككى چاي قوشۇق، ستىراكس دەرىخى مېيىدىن ئىككى ئۈچ تېمېم، ئۇندىن ئازراق، يېرىم تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئىلىمان سۇدا ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈرۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن گىرىم سۈيىنى سۈرۈپ بىر نەچچە سائەتكىچە گىرىم قىلماسلىق كېرەك. ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم قىلسا مۇۋاپىق.

3.يېمەك-ئىچمەك بىلەن تىزگىنلەش

ئاقسىل تەركىبى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ۋە ۋىتامىنBنى ئاز مىقداردا يېيىش كېرەك. تەركىبىدە ياغ ۋە قەنت بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

قانداق قىلغاندا مايلىق تېرىلەرنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

1.توغرا بولغان يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى تاللاش كېرەك. مايلىق تېرىلەر ئاساسلىقى سۇ كەملىكتىن بولۇپ، ئەتىر سوپۇن ۋە يۈز تازىلاش مەلھەملىرى ئاسانلا تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا مازغىپى بىر قەدەر ئاز بولغان يۈز يۇيۇش مەلھەملىرىنى تاللاش كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېرىگە يېقىشلىق، مايلىق تېرىگە ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى ئەڭ ياخشىسس ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل يۈز يۇيۇش مەلھمىنى تەييارلىۋالسا بولىدۇ.

2.يۈزنى سۈرتۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى ئىگەللەش كېرەك. ئەمەلىيەتتە يۈز سۈرتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يۈزنى سۈرتمەستىن، تەبىئىي قۇرۇتۇشتۇر. بىراق يۈز ھۆل تۇرسا بەزىلەر بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بىر قەدەر ساغلام يۈز سۈرتۈش ئۇسۇلى بولسا لۆڭگىنى يۈزگە بېسىپ، سۇنى سۈمۈرتۈشتۇر. ئەلۋەتتە بەك كۈچىمەسلىك كېرەك. كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگىدە يۈزنى ھەدەپ سۈرۈپ ئېرتىشنى ياقتۇرىدۇ، بۇ تېرىنى غىدىقلاپ، ئاسانلا تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇپ قويىدۇ.

3.ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

بىر ۋاق ھەم ئاچچىق ھەم مايلىق غىزالانغاندا، بىر كۈن كەچكىچە تېرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماينى ئاجراتقىنىنى ھېس قىلامسىز؟ ئەمەلىيەتتە يېگەن نەرسىلەرنىڭ تېرىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. تېرىسى مايلىق كىشىلەر زىيادە تويۇنۇپ يەپ ئىچىشتىن ساقلىنىپ، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن ئاچچىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئاز يېيىش كېرەك. ئەگەر يەپ سالسا، تاماقتىن كېيىن يۈزنى دائىم يۇيۇپ، زىيادە ماينى تازلاپ يوقىتىش كېرەك.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam