نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > ئاياللار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئاياللارنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى سالامەتلىكىگە زىيانلىق

  • ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندا بۇ خىل ساغلاملىق ئۆتكەللىرىگە دۇچ كېلىدۇ

  • ئاياللارنىڭ بالدۇر قېرىشىنى ئۈچ سۆزگە يەكۈنلىگىلى بولىدۇ، سىلەرچە قايسى ئۈچ سۆزدۇ؟

  • ئاياللارنىڭ بۆرىكىگە ئەڭ زىيانلىق ئالتە خىل ئادەت

  • ئاياللار تەخمىنەن قانچە ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق سېگناللىرى بار؟

  • قىش پەسلىدىكى تېرە مايلىشىشنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

ئاياللار تەخمىنەن قانچە ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق سېگناللىرى بار؟

مەنبەسى : https://www.toutiao.com/a6629112120086626829/يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-05كۆرۈلىشى :

 بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىز كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاقارغان چاچلارغا، قورۇقلارغا قاراپ ئۆز تېنىمىزنىڭ قېرىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىمىز، ئەمەلىيەتتە قېرىشنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلمەيدىغان سىگناللىرى بولىدۇ.

ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بەدەن قېرىشنىڭ 13 تۈرلۈك سىگنالىنى كۆرۈپ چىقايلى.

1. قۇلاق، بۇرۇن، پۇت چوڭلاش

قۇلاق بولسا يۇمشاق ھەم ئېلاستىكىلىق بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما-كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن، ئۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ داۋاملىق ئۆسۈپ ماڭىدۇ؛ بۇرۇنمۇ ئۆسىدۇ؛ قوش پۇتمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن تەڭ چوڭىيىپ ئۇزىرايدۇ ھەم كېڭىيىدۇ، بەزى 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئايىقى ھەر 10 يىلدا بىر نومۇر چوڭلايدۇ.

2.ئەرلەرنىڭ ئاۋازى زىللىشىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋازى تۆۋەنلەيدۇ

تەخمىنەن 70 ياشتىن كېيىن ئەرلەرنىڭ كۆمۈرچىكى نېپىزلاپ، ئاۋاز پەردىسىنىڭ تۇراقلىقى تېخىمۇ ناچارلايدۇ، سۆزلىگەندە ئاۋازى ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ (يۇقىرى چاستوتا). ئاياللار ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئانىلىق ھورمۇن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئاۋاز پەردىسىدە ئاسانلا ئىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا سۆزلىگەندە ئاۋازى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش قاتارلىق ئاۋاز پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدىغان ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

3.ئېغىرلىقى ئېشىش

50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى ھەر يىلدا تەخمىنەن 0.9~1.4 كىلوگىرام ئېشىپ ماڭىدۇ. ئادەتتە دەرىجىسى بىر قەدەر كىچىك بولغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ بېرىش، مۇسكۇل كۈچىنى ساقلاشقا پايدىلىق، شۇنداقلا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4. دائىم چۈشكۈرۈش

45~65 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدا، ئاز دېگەندە 4 مىليون ئادەمدە زىيادە سېزىمچانلىق بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بىمارلىرى بولىدۇ، زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسى بولسا بىر چوڭ سەۋەب، قېرىش بولسا يەنە بىر چوڭ سەۋەب.

5. بەدەندىكى مەڭ كۆپىيىش

40 ياشتىن كېيىن، قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىشكە باشلايدۇ، شۇنداقلا ياغ تەپچىش خارەكتىرلىك مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى (قېرىلىق دېغى) كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەگەر بۇ خىل قارا مەڭ ياكى تېرە دېغىدا غەيرىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسە ياكى قان چىقسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

6. چىشى ئۇزىراش

40 ياشتىن باشلاپ چىش يىگىلەشكە باشلايدۇ، چىش قارىماققا ياش ۋاقتىدىكى ئۇزۇنلۇقتىن تەخمىنەن 0.6 سانتىمېتىر ئۇزۇن كۆرۈنىدۇ. ئۈزۈل - كېسىل چىش چوتكىلاش ۋە چىش يىپى ئارقىلىق چىشنى تازىلاش چىش مىلىكى يىگىلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، لېكىن بەك كۈچەپ كەتكەندە ئۈنۈمى ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.

7. ئۇخلاپ ئويغانغاندا بېشى ئاغرىش

ئۇخلاپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ياكى چۈشلۈك ئۇيقۇدىن كېيىن بېشى ئاغرىش قېرىش ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پانادول (扑热息痛) قاتارلىق ئادەتتىكى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى باش ئاغرىش كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

8. ئاسانلا مەست بولۇپ قېلىش

ئادەم قانچە قېرىغانسېرى شۇنچە ئاسان مەست بولۇپ قالىدۇ، سەۋەبى جىگەرنىڭ ئىسپىرت مېتابولىزىم ئىقتىدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، بۆرەكنىڭ ئىسپىرىتنى پارچىلاشقا سەرپ قىلغان ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.

9. ئاياللارنىڭ بويۇن تومۇرى كۆرۈنەرلىك بولۇش

سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش قاتارلىق قېرىش تۈپەيلىدىن، ئاياللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى تۆۋەنلەپ، بويۇن ئورنىدىمۇ ماس ھالدا قىسقىراش بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بويۇندىكى چوڭ قان تومۇرنىڭ ھەممىسى ئېگىلىپ كۆرۈنەرلىك ھالەتكە كېلىدۇ.

10. كۆپ ياش ئاققۇزۇش

ياشنىڭ چوڭىيىشى ياش نەيچىسىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دائىم ياش ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

11. تېرە زىيادە سېزىمچان بولۇپ قېلىش

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرىنىڭ نەملىكنى ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاسانلا قۇرغاقلىشىدۇ، ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى نەملىك ساقلاش توسۇقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن، ناھايىتى ئوڭايلا خىمىيىلىك مەھسۇلاتلارغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى يۈز بېرىدۇ، ھەتتا سوپۇنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

12. دائىم گېلىنى قىرىش

ياش چوڭايغاندىن كېيىن گالدىكى بەز تەنچىسىنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئايرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، گالنىڭ سىلىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ناچالاپ، ئاسانلا غىدىقلىنىش يۈز بېرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كۆپلەپ گېلىنى قىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر كۈنى 1.5 لىتىر سۇ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (بىر چوڭ كولا قۇتىسىنىڭ سىغىمى بىلەن تەڭ)

13. دائىم كېچىدە قوپۇش

50 ياشتىن باشلاپ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بۆرەكنىڭ كېچىدىكى سۈيدۈك سۇيۇقلىقىنى ئىشلەپچىقىرىشى كۆپىيىدۇ، شۇڭا كېچىدە قوپۇش قېتىم سانىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن سۇ ئىچمەسلىك، ئۇخلاشتىن 4 سائەت بۇرۇن كۆپ مىقداردا قەھۋە ۋە چاي ئىچمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam