نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > قىززىق نۇقتا

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پېڭ لىيۈەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىغا قاتناشتى

  • ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى» غا قاراپ چىقىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

  • "6.26" خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكى

  • ئەيدىز كېسەللىرى ئالدامچىلارنىڭ پۇل تاپىدىغان بازىرى ئەمەس

  • ئۆتكەن 10 يىلدا ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بىمارنىڭ يېرىمى ئازايدى

  • ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ 12 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ

يۈرەككە تىرەك سېلىشنىڭ قەبىھلەشتۈرۈلۈشى: چىنلىق، گەپ-سۆزنىڭ پاساھەت-بالاغىتىدە ئەمەس

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-07-12كۆرۈلىشى :

يۈرەككە تىرەك سېلىشنىڭ قەبىھلەشتۈرۈلۈشى: چىنلىق، گەپ-سۆزنىڭ پاساھەت-بالاغىتىدە ئەمەس، ساختا ئىلىم ئەھلى ئەتەي دەبدەبە قوغلىشىدۇ

20170711200413720.jpg

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن، كەچلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، تۇيۇقسىزلا بىر بىمار كىرىپ كەلدى، تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى جىددىي ئوپېراتسىيە قىلدۇق. ئەمما، بىمار ئوپېراتسىيە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا جاھىل خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى، يۈرەك مەنبەلىك شوك بولۇپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلدى، بىراق بىزنىڭ بەل قويۇۋەتمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز بىلەن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىن تىنچ-ئامان چىقىپ كەتتى. بىراق، بۇلتۇرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدى، شۇ چاغدا ئۇ ماڭا قېلىن قەغەزدىن تۈپلەنگەن تەشۋىقات قوللانمىسىنى بەردى، مەن ئۇ بەرگەن قوللانمىنى بىرە قۇر كۆرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەن «جۇڭيىچە دورا» ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە سالغان تىرەكنى «ئېرىتىۋېتىشىم» كېرەككەن. مەن «تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى» نىڭ «مۇتەخەسسىسلىرى» يازغان ھېلىقى قوللانمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، بىراق قوللانمىنىڭ ئىچىدە پارچە-پۇرات خەۋەردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. كىشىنىڭ تېخىمۇ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، قوللانمىدىكى ئىسىملارنىڭ ھەممىسى راست ئىدى، يەنە تېخى تېلېفون نومۇرى بىلەن كىملىك نومۇرىمۇ قوشۇپ قويۇلغانىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قوللانمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر خىل «خىسلەتلىك» جۇڭيى دورىسى بىلەن داۋالانغان «يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى» بىمارىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلىرىمىش. ئەمما، كاللىسى سەگەك كىشىلەر قوللانمىنى بىر كۆرۈپلا، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ساپلا جاھانكەزدى ئالدامچىلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتى. بىراق، مەن ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان نەرسىنىڭ ھېلىقى «خىسلەتلىك» دورا ئەمەس، بەلكى يۈرەككە سالغان تىرەك ئىكەنلىكىنى قانداقلا چۈشەندۈرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىر تىيىنغا تەڭ قىلمىدى. ئۇنىڭغا خېلى گەپلەرنى قىلغان بولساممۇ، بىراق ئۇ ھېچ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ «سەۋرى قاچام توشتى»، ئۇنىڭ ئالدىدىلا بۇ قوللانمىنى ئۇنىڭغا بەرگەن «مەنپەئەتدار» غا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدىم. 

ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن ھېلىقى بىمار بىلە يەنە ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا ئۈندىداردىكى بىر خەۋەرنى كۆرسىتىپ، خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. نام-شەرىپى ھەممە يەرگە تارالغان بىر يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەپتۇدەك: يۈرەككە تىرەك سېلىش جۇڭگودا ۋاقتى ئۆتكەن داۋالاشتۇر، ئەمما جۇڭگودىكى دوختۇرلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتنى ئاڭلىماسلىققا سېلۋېلىشى، سېپى ئۆزىدىن «قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاشتۇر»، خەۋەرلەردىن بىلىشىمىزچە، ئامېرىكىدا بىمارنىڭ يۈرىكىگە تىرەك سالغان دوختۇرلار ئۇدۇل تۈرمىگە كىرىدىكەن. خەۋەرنىڭ مەزمۇنى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئىدى. مەن ئۇنىڭغا جاھاندىكى بارلىق ئىسپاتلارنى شىپى كەلتۈرۈپ بۇنداق گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكنى ئېيتقان بولساممۇ، بىراق ئۇ قۇلىقىنىڭ قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر جۈملە گەپنى سوۋغا قىلدىم: «يۈرىكىڭىزگە سېلىنغان تىرەكنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن، سىز ھازىرمۇ مۇشۇنداق ماڭ گەپ بەرمەي سۆزلەپ تۇرالىدىڭىز. ماڭا ئىشەنمىسىڭىز مەيلى، بىراق سىزگە ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئاشۇ تىرەكنىڭ ھىممىتىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!». 

چىنلىق، گەپ-سۆزنىڭ پاساھەت-بالاغىتىدە ئەمەس، ساختا ئىلىم ئەھلى ئەتەي دەبدەبە قوغلىشىدۇ
 

يۈرەككە تىرەك سېلىشنى بۇرۇمىلاپ چۈشەندۈرۈش، دوختۇرلارنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى قەبىھلەشتۈرۈۋېتىشى بىر-ئىككى كۈندىلا پەيدا بولغان يېڭىلىق ئەمەس. ئەمما، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىنىڭ بۇ دەرىجىدە بۇرمىلىنىپ كېتىشى بۈگۈنكىدەك كەسكىن بولغان ئەمەس! بۈگۈنكى جۇڭگودا ئاق پېرىجە كىيىۋالغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوختۇر دېگىلى بولمايدۇ، بۇلارنىڭ بەزىسى كۆكتات بازىرىدا پىلتە قۇيماق ساتىدىغان ئاپاشلار بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن ئانچە ئېچىنىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە! ئەمما، ئەڭ ئېچىنارلىقى، دوختۇرلارنىڭ نى نى كىتابلاردىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن كەسپىي تەكلىپىدە، كۆكتات بازىرىدىكى ئاپاشلارنىڭ نەچچە ئېغىز گېپىدە بار قايىل قىلىش كۈچىنىڭ بولماسلىقى. تاراتقۇلارنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى تېبابەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئالتۇن دەۋر، شۇنداقلا ئەڭ ناچار دەۋر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، مىش-مىش پاراڭ ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى، ھەقىقەت ۋە لىلا قاراشنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولىدىغان گەپكەن، كونىلارنىڭ «راست گەپ بوسۇغا ئاتلىغۇچە، يالغان گەپ داۋان ئېشىپتۇ» دېگەن سۆزىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرسەتسە كېرەك. مۇبادا، يازغانلىرىڭىز نامۇۋاپىق بولۇپ قالسا، سۆزدە پاساھەت-بالاغەت، مەردۇمەردانىلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرىدىكىدەك يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە «يەڭ ئىچىدىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان» ھەرخىل ئىجادىيەت شەكلى يامان غەرەزلىك تاراتقۇلارنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەردىن نەقىل قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان «كوزىرى» بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەھۋالدىن خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرىنى، زاماندىن زارلانسىمۇ خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئاق نىيەتلىك قەھرىماندەك ئەمەس، بەلكى  پايدىدىن باشقىسى كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان سودىگەردەك تەسەۋۋۇر قىلىشىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. 

جۇڭگودا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى كەم ئەمەستۇر، كەم بولۇۋاتقىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۇپىسى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات، شۇنداقلا «ساختا ئىلىم-پەن» ۋە «پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر تەرەپلىمىلىك» كە قايتۇرما زەربە بېرىدىغان جاسارەتتۇر. شۇڭا بىز، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان ئاشۇ خىل يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىدىن، شوئارۋازلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پوزىتسىيەدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشىمىز لازىم. كەسپداشلار ئارىسىدىكى سۈكۈت ئەڭ پاجىئەلىكتۇر. بىز كەسىپىمىزنى سۆيىمىز، پېشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەيمىز، ئەمما گېزى كەلگەندە ھەقىقەتنى ھەممىسىدىن بەكرەك سۆيمىكىمىز لازىمدۇر.  شۇنى بىلىپ قېلىشى كېرەككى، ھەقىقەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئوبيېكتىپلىقتۇر، بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك دەپ قاراشقا، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن «پۇچەك پاساھەت بىلەن ماۋۇزپەرەسلىك قىلىشقا» زىنھار بولماس. 

قورساق تويمايۋاتقان دەۋردە، ئورۇقلاش توغرىسىدا كۈچىنىڭ بارىچە جار سېلىش سېپى ئۆزىدىن «قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاشتۇر». 
 

جىن سۇلالىسىدىكى سى ماجوڭ تەختتە ئولتۇرغان زاماندا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاچارچىلىق بولۇپ، ئاۋام رەئىيەتنىڭ كۆپچىلىكى باقىيغا سەپەر قىلدى. پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاۋام نېمانداق نادان، ئاشلىق بولمىسا گۆشتىن ئۇماچ ئېتىپ ئىچسىلا بولمىدىمۇ! يۇقىرىقى بۇ ھېكايە جۇڭگونىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاشتىكى ھازىرقى ئەھۋالىغا تولىمۇ ماس كەلگەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن، مەلۇم ئاكادېمىك جۇڭگودا يۈرەككە تىرەك سېلىشنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىشنى تىلغا ئالغاندا، شۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگودىكى جىددىي خاراكتېرلىك توقۇلمىلار ئۆلۈشنى نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاشتىكى مەلۇماتلارنى نەقىل قىلىپ، يوللۇق رەددىيە بەرگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگودىكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كۆپلىگەن بىمارلار، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالانمىغاچقا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان. بىز ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ بىرسى، تېخىمۇ كۆپ دوختۇرلارنى جاننى قۇتقۇزىدىغان بۇ تېخنىكىغا ئىگە قىلىپ، مۇشۇنداق كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان داۋالاش ماھارىتى بىلەن قوراللاندۇرۇشتۇر. ھالبۇكى، قورساق تويمايدىغان دەۋردە، ئورۇقلاش توغرىسىدا كۈچىنىڭ بارىچە جار سېلىش ئەمەستۇر، ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بولۇپ قالسا ئۇلار سېپى ئۆزىدىن «قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلىغىچىلاردۇر». بىز تېبابەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇشى يول قويۇشىمىز، شۇنداقلا تېببىي جەمئىيەتلەرنىڭ قېلىپلىشىش جەريانىدا ياخشى تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم. 

تىرەك سېلىش كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىلدىمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە ئاساسلىقى تۇراقلىق يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارغا مەركەزلەشكەن. چۈنكى، چەتئەل ئالىملىرى «جاسارەت» دېگەن نامدا بىر تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئىشلىگەن، تەتقىقاتچىلار تەجرىبە جەريانىدا، بۇ بىمارلارغا نەيچە كىرگۈزۈش ۋە دورىدا داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالانغان بىمارلارنىڭ تەن سالامەتلىكىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالغان. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسى بىلەن نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلمىغان، بىمارلارغا مەسلىھەت بەرگەندە مۇشۇ خىل داۋالاشنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى «تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى» دېگەن بۇ ئىسىمدىكى «تۇراقلىق» دېگەن ھۆكۈم كېسەلنىڭ كىلىنىكىلىق ھالىتىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان، شۇڭا بۇ خىل ھۆكۈمدە كۈچلۈك «سۇبيېكتلىق» ساقلانغان. دىيابېت كېسىلى بولۇپ قالغان بەزى بىمارلاردا يۈرەك سانجىقى دېگەن بۇ كېسەل ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسكەن، ئەمما بۇمۇ نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاشنى ئىنكار قىلىشقا ئاساس بولالمايدىكەن. شۇڭا بىز، دوختۇرلارنىڭ داۋالاش لايىھەسى تۈزگەندە «كېسەللىك ئالامىتىنى تولۇق كۆزىتىپ يەكۈن چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن داۋالاش، بىمارغا قاراپ پەرقلىق ئۇسۇل قوللىنىش» تەك خاسلاشقان تەپەككۇر بويىچە ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇڭا، ئاممىغا تېبابەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، تېبابەت ساھەسىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ، شۇنداقلا «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش» قىمۇ قەتئىي بولمايدۇ، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرىغا قارا-قويۇقلا «تىرەك سېلىش» نى تەۋسىيە قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. 

بىمارلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشى دوختۇرلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، شۇنداقلا دوختۇرلار ھەل قىلالايدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس.
 

بۇ گەپنىڭ «پەلسەپىۋى يۈكسەك» لىكى تېخىمۇ يۇقىرى، بۇنى ھەم ئاتالمىش«مۇتەخەسسىسلەر» سانسىز قېتىم نەقىل قىلغان، شۇنداقلا بۇنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىمۇ ئانچە پەرق قىلمايدىغان بولۇپ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: «پېقىر نەچچە يىل ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ ھەممە ئىقلىمنى كېزىپ چىقتىم، كۆرگەنلىرىم شۇ بولدىكى، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، كېسىلى قوزغىلىدىغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ياشلاركەن. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىزنىڭ تېبابىتىمىزدىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسىمىش». 

ئەمما، بىز ئاشۇنداق كىشىلەرگە ئۇچراپ قالغاندا قەددىمىزنى رۇسلاپ تۇرۇپ: بىمارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى دوختۇرلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، شۇنداقلا تېبابەتتىن چاتاق چىققانلىقتىنمۇ ئەمەس، بەلكى تېبابەت تەرەققىياتى دەۋر قەدىمىگە يېتىشەلمىدى، دەپ قويساق بولىدۇ. ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، بۇرۇنقىلار تويغۇدەك تاماق يېيەلمىگەن بولسا، ھازىرقىلار كۈنىگە گۆش يېيەلەيدىغان بولدى؛ بۇرۇن ياياق ماڭغانلار ھازىر ئاپتوموبىلدا ماڭىدىغان بولدى؛ بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى «سەمرىگەن» بولسا، ھازىرقىلارنىڭ قورسقى سەمرىدى؛ قان بېسىمىنىمۇ ئۆلچەشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قان شېكىرى ئۆرلەپ كەتتى؛ بۇرۇنقى بالىلار تال چىۋىقنى ئات قىلىپ قانغۇدەك ئوينىغان بولسا، ھازىرقى بالىلارنىڭ ئوينايدىغان يولىنى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن تاپشۇرۇقلار توسۇۋالدى؛ بۇرۇنقى ياشلار دەرەخ تۈۋىدە ئاشىقىنى ساقلىغان بولسا، ھازىرقى ياشلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ يانفونغا بەند بولدى؛ ئەمەل-مەنسەپ، ئۆي قەرزى، كالا گۆشىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاپىسىغا ياردەملىشىپ قاچا يۇيۇشۇپ بېرىدىغان قىزلار ئىشخانىسىدا كەچلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە، باشقىلارغا «ھەمراھ» بولۇشقا مەجبۇر بولدى؛ ناھىيە دەرىجىلىك، مەھەللە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا سېلىنىشقا تېگىشلىك مەبلەغ ۋە ئۈسكۈنە، ئۆلكە دەرىجىلىك «تەڭداشسىز» دوختۇرخانىلار سېلىندى؛ ئەسلىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي خەلق تېببىي پەن مائارىپى دەرسىگە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى، كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئاتالمىش «قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش» («تاشپاقا تەربىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى تىېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار  دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۈچ يىل تەربىيەلىنىدۇ) كە مەجبۇرىي قاتناشتى....... ئەھۋال مانا مۇشۇنداق تۇرسا، ئاممىنىڭ تەن سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىشىدە يەنە دوختۇر ئەيىبلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بېرى دوختۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالدى، ئۇنداقتا دوختۇرلار ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزى سەۋەبچىمۇ؟ 

ئۇنداقتا ئوقۇرمەنلەردىن سوراپ باقساق: مانا مۇشۇنداق چىگىچ ۋە مۇرەككەپ شەكىللەر دوختۇرنىڭ خاتالىقمۇ؟ تېبابەتتىن چاتاق چىققانلىقمۇ؟ 

دوختۇرلار تاياق يېسىمۇ قول ياندۇرالمايدىغان، تىل ئاڭلىسىمۇ گەپ ياندۇرالمايدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتىنىمۇ ئۆزى قارار قىلالمايدىغان، ئالدىغا كەلگەن بىر يۇتۇم سۇنىمۇ خاتىرجەم ئىچەلمەيدىغان بىچارە بايقۇشتۇر! ئۆزى بىر قوللۇق قۇتقۇزغان بىمارنىمۇ تەسىرلەندۈرەلمەيدىغان ئاجىز كىشىلەردۇر! ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن قان-تەرىنى ئاققۇزۋاتقان مانا مۇشۇنداق كىشىلەرگە، بىر قىسىملا قايسى يۈرىكى بىلەن قارا سۈركەشكە چىدايدىغاندۇ؟ 

«تىرەكلىك» ھاياتنى ياخشى ئۆتكۈزۈش، تىرەككە ئەھمىيەت بېرىش، تىرەككە باشقىچە نەزەردە قارىماسلىق. 
 

مۇئەللىپ «تىرەكلىك» ھاياتنى ياخشى ئۆتكۈزۈش دېگەن بۇ گەپنىڭ ناھايىتى ياخشى شوئار ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلمايدۇ. بىراق، «تىرەكلىك» ھاياتنى ياخشى ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك، بىمارغا تىرەككە ئەھمىيەت بېرىشنى، ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارىماسلىقنى ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ. نوقۇل شارسىمان خالتىنى داۋالاشتىن، نۆۋەتتىكى دورىدا داۋالاش ۋە تىرەك سېلىشقىچە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئىشلىرى ئوبدانلا تەرەققىي قىلدى، يەنە كېلىپ بۇ خىل تەرەققىيات بۇرمىسىمان يۇقىرى ئۆرلەپ، دولقۇنسىمان ئالغا باسىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ھېچقانداق بىر دوختۇر تىرەك سېلىش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى تۈپىدىن ساقايتالايدۇ دەپ جار سالمايدۇ، كۆپچىلىكمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن ساقلىنىشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرمەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مۇبادا بىراۋنىڭ يازغىنى ئۇ يەر-بۇ يەردىن نەقىل ئېلىپ قۇراشتۇرۇپ قويۇلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسى بولسا، ئۇنداقتا ئاشۇ كىشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 20 مىڭ دوختۇرنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى يوققا چىقارغان، بىمارلارنى تىرەك بىلەن تىركىشىشتەك خەتەرلىك يولغا باشلىغان، ئۇلارمۇ ماقالىسىدە كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ. 

ئەمما، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، مۇشۇنداق قەلەم ساھىپلىرىنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىدىغان بولۇپ كەتتۇق. 

بىزنىڭ تېبابىتىمىز ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئاغرىپ قالغۇچە، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكۈچە ساقلاپ تۇرىدىغان تېبابەت ئەمەستۇر. 
 

«تېۋىپنىڭ كامالەتكە يەتكىنى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئوتتۇراھالى شىپاسىنى قىلىدۇ، ئادەتتىكىسى داۋالايدۇ» دېگەن بۇ جۈملە «خۇاڭدى ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى» دا دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى، تېۋىپنىڭ كامالەتكە يەتكىنى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئوتتۇراھالى كېسەل بولاي دەپ قالغاندا شىپاسىنى قىلىدۇ، ئادەتتىكىسى كېسەل بولۇپ بولغاندا داۋالايدۇ. 

بۇ جۈملە «جان باقتى» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «كۈنلۈكى»، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى. تېخنىكا تەرەققىي قىلدى، ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ تۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولماي قالدى، چۈنكى ئۇلار «شالىنى چاچرىتىپ شوئار توۋلاش»، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ نام-مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھازىر بىر قىسىم يۈرەك كېسىلى دوختۇرلىرىمۇ «كامالەتكە يەتكەن تېۋىپ» دېگەن نامنى پەش قىلىپ، ئۆزىنى داڭلايدۇ. ھالبۇكى، زېھىنى سەگەك كىشىلەر بىر قاراپلا ھەقىقىي «كامالەتكە يەتكەن تېۋىپ» دېگەنلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېبابىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاممىۋى سەھىيە دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلىمىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېبابىتى يۈرەك ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى ئۈزۈكسىز داۋالاشتۇر، زىياندىن كېيىن ئورنىنى تولۇقلاشتۇر، بۇنداق قىلىشى ئادەتتىكى تېۋىپلارنىڭ ئىشىدۇر. بىز سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەمما سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېبابىتى بىلەن ئالدىنى ئېلىش تېبابىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتشقا قەتئىي بولمايدۇ. 

بەزىلەر: «ھازىرقى تېبابەت ئەندىزىسى ئادەم ئاغرىپ يېتىپ قالغۇچە، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكۈچە ساقلاشتۇر» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ھازىرقى تېبابەت ئەندىزىمىز يەنىلا كىلىنىكىلىق تېبابەتنى ئاساس قىلىدۇ، كىلىنىكىلىق تېبابەت بارلىققا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، بىمار ئۆزى كېلىپ دىياگنوز قويدۇرۇش، ئەمما ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېسەل داۋالاشنى تەشۋىق قىلماسلىقتەك ھۆكۈمنى بېكىتىۋەتكەن، بۇنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق ھەمدە تەنقىدلەشكىمۇ بولمايدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كامالەتكە يەتكەن دوختۇرلار مەڭگۈ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ، بىراق ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن كىلىنىكىلىق تېبابەت بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭ بىرسىگە ئېتىبار بېرىپ، بىرسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. 

لاۋ شې (老舍) ئەپەندىمنىڭ «چايخانا» ناملىق ئەسىرىدىكى بىر جۈملە بىلەن گېپىمنى ئاخىرلاشتۇراي: «مەن بۈيۈك چىڭ دۆلىتىنى سۆيىمەن، ئۇنىڭ گۇمران بولۇپ كېتىشىدىن قورقىمەن؛ مەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى كەسپىنى سۆيىمەن، ئۇنىڭمۇ ھەم ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن قورقىمەن». 

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】