نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > قىززىق نۇقتا

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پېڭ لىيۈەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىغا قاتناشتى

  • ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى» غا قاراپ چىقىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

  • "6.26" خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكى

  • ئەيدىز كېسەللىرى ئالدامچىلارنىڭ پۇل تاپىدىغان بازىرى ئەمەس

  • ئۆتكەن 10 يىلدا ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بىمارنىڭ يېرىمى ئازايدى

  • ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ 12 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى» غا قاراپ چىقىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەركۋاقتى : 2017-08-28كۆرۈلىشى :

 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى» غا قاراپ چىقىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

1503548936752066.jpg

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى (تۆەندە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرىكەت پىلانى دەپ ئاتايمىز) يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى،  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر(دىننىي ئىشلار ئىدارىسى) كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخپارات نەشىرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق كومىتېتى قاتارلىق 13 ئاپتونوم رايونلۇق ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزا ئورۇنلىرىدىكى ھەيئەت ئەزالار، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى لاھىيەسى چۈشۈندۈرۈلگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەم ھەر  قايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ ۋە سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر تەكلىپ ئالدى.

    يىغىن بىردەكئاپتونوم رايوننىڭ ھەرىكەت پىلانى》 نى ماقۇللىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزىدە، پۈتۈن رايونىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىدە قولغان كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئوبېكتىپ تەھلىل قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 《ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرىكەت پىلانى》رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كونكىرت خىزمەت نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە كونكىرت تەدبىرلىرىنى ئېنىق قىلىپ بەردى، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، «13- بەش يىل» دىكى رايونىمىزنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ " ھەرىكەت باش پىرىنسىپى" ۋە " ھەرىكەت پىلانى".

    كېينكى قەدەمدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قارىتا، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاچقۇچ بولسا ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرىكەت پىلانى》 بويىچە ھەرىكەتلىنىش، ئەمەلىيلىشىشنى چىڭ تۇتۇش.

 بىرىنچى: ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكى، مۇشەقەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يۈكسەكلىدە تۇرۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئەھمىيەت بېرىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇناسىۋەتسىز ئىش ، ئۆزىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇناسىۋەتسىز كىشى دەپ قارىماسلىق.

ئىككىنچى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر تەلەپ چارىلىرى چوقۇم مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىغا ئىنچىكە ئايرىلىشى، ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

ئۈچىنچى: يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزىمى. ئاكتىپ ھالدا ھەر قايسى جايلاردىكى ئىلغار خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆگىنىش، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.

 تۆتىنچى: ئەيدىز كېسىلىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ بولغان سىستېما قۇرۇلۇشى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مۇرەككەپلىك دەرىجىسى يۇقىرى، سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك خىزمەت. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا باشچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ۋە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】