نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > قىززىق نۇقتا

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پېڭ لىيۈەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىغا قاتناشتى

  • ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى» غا قاراپ چىقىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

  • "6.26" خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكى

  • ئەيدىز كېسەللىرى ئالدامچىلارنىڭ پۇل تاپىدىغان بازىرى ئەمەس

  • ئۆتكەن 10 يىلدا ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بىمارنىڭ يېرىمى ئازايدى

  • ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ 12 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ

يارىماس ئېرى ئەيدىز يۇقتۇرغان ئايالنىڭ ئىنكاسىدىن ئويلىغانلىرىم

مەنبەسى : nur.cnيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-09-09كۆرۈلىشى :

 ئەيدىزنى داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوختۇرلار ماڭا سۆزلەپ بەرگەن، بەزىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى تېلېفون، QQ ۋە ئۈندىدارلاردا بايان قىلىپ بەرگەن، ھەتتا بەزى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى ئۆزۈم كۆرۈپ پاراڭلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەپلىرى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، تەھلىل-مۇھاكىمىلەر بىلەن تولۇقلاپ ماقالە قىلىپ يېزىپ، مۇشۇ نۇر تورىغا يوللاپ قويۇۋاتىمەن. مۇشۇ توردىكى، ئەيدىز ھەققىدىكى ماقالە-خەۋەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىپ قىلىپ تۇرىمەن، بەزى ئىنكاسلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بەزىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قانداق قاراشنى بىلمەيۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئەيدىز ئالدىدىكى ساۋاتسىزلىق ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇشمۇ بىلىنىپ تۇرىدۇ. 

   مەن مۇشۇ تورغا يوللىغان «ئېرى ئەيدىز يۇقتۇرغان ئايالنىڭ ئازابى ۋە ئارزۇسى» دېگەن ماقالىگە بىرەيلەن تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ، ئىملاسىنى بىرەر قۇر ئوڭشاپ قويدۇم:

   «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلىرىم. بۇ يەردە مەنمۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق قىسمەتنى سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى. مەنمۇ ئايال، بۇ يىل 30 غا كىردىم، دۆلەت خىزمەتچىسى. كىچىكىمدىن ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن شەرم-ھايانى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ، ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتىم. مانا خىزمەتكە چىققىلى يەتتە يىل بولدى، خىزمىتىم مۇقىم،  نېنىم پۈتۈن بولغاندا تۇرمۇش قۇردۇم. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ئوتتۇز يىللىق ھاياتىمنىڭ بۇنداق ۋەيران بولۇپ كېتىدىغىنىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن. ھازىر بىر قىزىم بار، ئىككى ياشقا كىردى. قىزىم ھازىرچە ساق-سالامەت، بۇندىن كېيىن قانداق بولىدۇ، بىلمەيمەن.

ئەينى چاغدا رەسمىي دۆلەت خىزمەتچىسى بولغان نۇرغۇن يىگىتلەر توي قىلايلى دەپ تەكلىپ قويغان، لېكىن مەن پۇلنى مۇھىم بىلمىگەچكە، ئادەتتىكى بىر ياردەمچى ساقچى بىلەن توي قىلغانىدىم. شۇ چاغلاردا، ئۇ ماڭا كۆيۈنەتتى، مېنى ئاسرايتتى، شۇڭا <سەمىمىي، مەسئۇليەتچان بالا ئىكەن> دېگەن ئىشەنچ بىلەن بارلىقىمنى ئاتاپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم. ئەپسۇس، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى، قىزىمغا قورساق كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەم بولۇپ قالدى، كېچە-كېچىلەپ، ھەتتا ئايلاپ ئۆيگە كەلمەس بولۇۋالدى. مەن يىغلىدىم، قاقشىدىم، جېنىمنىڭ تېزرەك چىقىپ كېتىشىنىمۇ تىلەپ كەتتىم.

 بىر كۈنى، ئىشخانىدا تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاغرىپ كەتتى، ئۇنىڭ بىلەن تەستە ئالاقىلاشتىم، دوختۇرغا باردۇق، ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلدى. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، دوختۇر مېنى ئىشخانىسىغا ئايرىم چاقىرىپ، مەن ئىسمىنى ئاتاشنىمۇ خالىمايدىغان مۇشۇ نىجىس كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئېيىتتى. بېشىمغا بىر چېلەك سۇ قۇيۇلغاندەكلا بولۇپ قالدىم، بىر ئېغىز گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم، چىقىپ يولدىشىمغا دېدىم، ئۇمۇ ئانچە ھەيران قالمىدى. <مەن ئەزەلدىن ناشايان ئىش قىلمىسام، چىش دوختۇرخانىسىغا ياكى ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بارمىسام، (بۇ قانداق بولغىنى؟)> دەپ يوغان قورسىقىمنى كۆتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا باردىم. شۇ يەردە ئاندىن يولدىشىمنىڭ بۇ ئىبلىس كېسەل بىلەن 2009-يىلىلا يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدىم، دوختۇرلار يولدىشىمنى تىللاپ كەتتى ھەم نېمىشقا قورساق كۆتۈرگىنىمنى سورىدى. مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇقمايمەن-دە. ئەسلىدە ئۇ ماڭا يۇقتۇرغانىكەن، تېخى قەستەن يۇقتۇرۇپتۇ، توي خېتى ئالغاندا قانداق ھۈنەر ئىشلەتكىنىنى بىلمەيمەن. مەن ۋىلايەتنىڭ نەتىجىسىگە يەنە ئىشەنمەي ئاپتونوم رايونغىچە باردىم، لېكىن نەتىجە ئوخشاش چىقتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يولدىشىم ماڭا دۈشمەن كۆرۈندى، كۈنلىرىم شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىدە ئۆتتى.

 2015-يىلى 7-ئايدا دوختۇرغانىغا كىرگەن بولدۇم، شۇيىلى 8-ئايدا ئۈچ كىلو سەككىز يۈز گرام ئېغىرلىقتا بىر قىز تۇغدۇم، لېكىن ھازىرغىچە ئەندىشىدەمەن، چۈنكى مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، بالامنى ئۆز قولۇم بىلەن شەرم-ھايالىق تەربىيەلەپ چىققۇم بار. يولدىشىمغا كەلسەك، ئۇ مەن ھامىلدار مەزگىلدە ياتاقتىن چىقماي يېتىپ ئىشتىن ھەيدەلدى، ھازىرغىچە ئىشسىز، بىكار يۈرۈۋاتىدۇ. ھازىرقى تۇرمۇشۇم بەكلا مەنىسىز ھەم ئازابلىق، كۈنلىرىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش-جېدەل، مۇشتلاش ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم، بالىنى بەرمەيمەن دەيدۇ. شوڭا ئەرنى بېقىپ يۈرۈۋاتىمەن، ئۇ مېنى دائىم ئۇرىدۇ، ئاغزىنى بۇزۇپ سېسىق گەپلەر بىلەن تىللايدۇ. بۇنداق ياشاشتىن بەكلا تويدۇم، نەچچە ئۆلۈۋالايمۇ دېدىم، لېكىن جان تاتلىقكەن، جۈرئەت قىلالمىدىم ...»

بۇ ئىنكاسنى ئوقۇپ، شۇنداق ئويلاپ قالدىم: بۇ ئايالنىڭ تۇرمۇشىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن ئىلگىرىلا مەسىلە كۆرۈلۈپ بولغان، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكۈدەك ھالغا كېلىپ قالمىغان، پەقەت ئۆزى ئەيدىز كېسىلى سەۋەپلىك ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كەتكەنلىكى ئېھتىمال. دېمەك، ئۇ ئۆزى يولۇققان ئەيدىز ۋىرۇسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، تىرىشىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ۋە ئەرنىڭ ئالدىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى بىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش كىشىنىڭ ھازىرغىچە ساق-سالامەت ئۆتكەن ئۆمرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىش بىلەن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. يەنە كېلىپ، ئىككى ياشقا كىرگەندە تەكشۈرۈلۈپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغىنى ئىسپاتلانغان بالا ئانىسىدىن ئەيدىز يۇقتۇرمىغان بولىدۇ.

تويدىن بۇرۇنقى ئالدىنىش بىلەن ئائىلىدىكى مېھىرسىزلىككە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ، بۇ ئايال پىسخىكا ھەم روھىي جەھەتتە خېلى كۆپ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ پىسخىكا دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ داۋالانغان بولسا، تەقدىرىدىن بۇنچە ئاغرىنماي ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋە ھاياتتىن قايتا ئۈمىد تاپالىغان بولار ئىدى. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى بىر ئەھۋال ___ ئۆزلىرىگە چاپلاشقان كېسەلدىن قورقۇپ كېتىش كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى چۈشەنمەسلىكى بىلەن، كۆپ ھاللاردا «قورققانغا قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇ ئايالنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، نىكاھ چۈشەنچىسى ۋە نىشانىدا ئەسلىدىنلا بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، نىكاھ زىددىيىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پىسخىكىسى ئاجىز، كەيپىياتىغا ئەگىشىپ يۈرۈيدىغان بۇ ئايال دەرت-ئەلەمدە قانداق قىلىشنى بىلمەيلا قالغان. ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراشقا قارىتا قانۇندىن ياردەم سوراشنىمۇ ئويلىمىغان، بۇنداق قەدىر-قىممەتسىز نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەققىدە ئادۋوكاتلارنى ئىزدەشنىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەندەك تۇرىدۇ. بۇ يازمىدا، ئۇنىڭ ئائىلە-نىكاھ ئىشىغا ئارىلاشقاندەك ئۇنى-بۇنى دېگۈم يوق، ئەمما بۇ ئايالنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى يارىماس ئېرىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ يۇقتۇرىشىدىن بولغان. بۇ ئەرنىڭ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئايالىغا قەستەن ئەيدىز يۇقتۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئۇرۇپ خارلىشىمۇ ئەيدىز سەۋەپلىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەلكىم ئەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان بولسا، ئايالى ھامىلدار بولغاندىن كېيىن بىراقلا ئۆزگىرىپ ئايالىغا پەرۋاسىز بولۇپ قالماس ئىدى. قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدىغان ئەر ئايالى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، «ئەمدى مەندىن ئاجرىشىپ كېتەلمەيدۇغۇ» دەپ ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۈرگەن بولسا كېرەك.

مەسىلىگە يولۇققاندا ئاغرىنىش، زارلىنىش بىلەن كەيپىياتنى بۇزۇپ، ھاياتقا ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كەلگۈچە، تەمكىن ئولتۇرۇپ چارە-تەدبىر تېپىش ئۈچۈن ئويلىنىش كېرەك. بىر ئائىلىدىكى ئەر ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى يوشۇرۇپ ئايالىغا قەستەن يۇقتۇرغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇنداق يارىماس، ناچار قىلمىشىنى مىڭ سوراققا تارتسىمۇ، بۇنداق زەھەرخەندىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنى توختىماي ئەيىپلەپ، تىللاپ يۈرۈۋەرسىمۇ ھېچنېمە ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئايالىغا ئەيدىز يۇقتۇرۇشى ئايالىنى ئەيدىز سەۋەپلىك ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇش غەرىزىدىن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ تويدىن بۇرۇن بۇنى ئاشكارىلىسا، ئايالنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماسلىقى ئېنىق. ئەمدى ئايالنىڭ ئېرىنى سوراققا تارتىپ ئۇرۇشۇۋەرگىنىنىڭ پايدىسى يوق، شۇنداقتىمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىمەي، بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغىنىغا چىداپ تۇرالمايدۇ. ھالبۇكى، نىكاھتا توغرا-خاتانى سۈرۈشتۈرۈشكە ئېسىلىۋالسا ئازاپنىڭ پاتقىغىدىن چىقالماي قالىدۇ. ئايالىغا بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغىنىدىن بۇ ئەرنىڭ سۈپەت-ساپاسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. خاتالىقىنى تۇنۇمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ئەر بىلەن مىڭ ئۇرۇشسىمۇ نەتىجە چىقمايدۇ. ئەيىپلەش، ئۆچمەنلىك دۈشمەنلىشىشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئائىلە ئەرنىڭ ئايالىنى جازالاپ، قورقۇتۇپ باشقۇرىدىغان تۈرمىسى ئەمەس، شۇڭا ئايال ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ئالى ئۆز ئەقىل - پاراستى بىلەن قوغدىشى، باشقىلارنى ئۆزگەرتەلمىگەندە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنى پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، چېنىقتۇرۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق قىلىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئوبدان ئىگىلەپ، ھاياتىنى بىر ئەر ھەم ئەيدىز سەۋەبلىك ئازاپ-ئوقۇبەت دۇنياسىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. بۇ ئايال ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئىزچىل يېيىش بىلەن بىرگە، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرسا، يەنە يېرىم ئەسىر ياشىيالىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالدى دېگەنلىك ھەممىدىن ئايرىلىپ قېلىپ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەيدىزگىمۇ خۇددى قان بېسىم، دىئابىت قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە، دۆلەت ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىۋاتقان ۋىرۇس دورىسىنى قائىدىلىك يېسە، ئۈچ خىل يول بىلەن باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويمىسىلا بولىدۇ.

دېمىسىمۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن قانداق ياشاش مۇھىم، ھاياتتىكى ئارزۇ-غايە مۇھىم، ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانا، پەرزەنت ۋە قېرىنداشلىرى مۇھىم. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ھاياتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ياكى شۇنىڭغىلا قارىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ھەممەيلەن ئەيدىزدىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى؛ ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن  يۇقۇملىنىپ قالغان بولساق، داۋالىنىش بىلىملىرىنى ئوبدان ئۆگىنەيلى، قورقۇپ كەتمەيلى، ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەيلى. پىسخىك تەربىيەگە ئائىت كىتابلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزدە قەيسەر، جاسارەتلىك ۋە روھلۇق خاراكتېر يېتىلدۈرەيلى.

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】