نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > قىززىق نۇقتا

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • پېڭ لىيۈەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىغا قاتناشتى

  • ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش "13- بەش يىللىق" ھەرىكەت پىلانى» غا قاراپ چىقىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

  • "6.26" خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكى

  • ئەيدىز كېسەللىرى ئالدامچىلارنىڭ پۇل تاپىدىغان بازىرى ئەمەس

  • ئۆتكەن 10 يىلدا ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بىمارنىڭ يېرىمى ئازايدى

  • ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ 12 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ

يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» نىڭ قانۇن ئىجرا تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-13كۆرۈلىشى :

يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئۆلكىدە يولغا قويۇلغان «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» نىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈردى. 29-ئاۋغۇست، قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈش گورۇپپىسى كۈنمىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
  «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىردىنبىر بىرلا خىل كېسەل ئۈچۈن بېكىتىلگەن يەرلىك قانۇن-تۈزۈم بولۇپ، يولغا قويۇلغان 11 يىلدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىپ تىزگىنلەش، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بىمارلارنى داۋالاش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئوينىغان.
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى قانۇن بويىچە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە قولغا كەكتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ھەمدە خىزمەتلەرگە مۇۋاپىق پىكىر بەرگەن. 
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】