نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > خەۋەرلەر > قىززىق نۇقتا

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • «جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى» دېگەن نېمە؟

  • ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

  • جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان ئۈچ خىل يېمەكلىك ئۆيىڭىزدىلا بار

  • جۇڭگونىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.09 بولۇپ تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرغان

  • ھەرگىز ھاياتىڭىزنى دوغا تىكىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قالماڭ

  • ئۈچەي ۋە قاندىكى HIVنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلدىكى مېخانىزم ئالاھىدىلىكىدە روشەن پەرق بارلىقى بايقالدى

جۇڭگونىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.09 بولۇپ تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرغان

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-11-28كۆرۈلىشى :

 

دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى 23-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تەخمىنەن %0.09، تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرغان. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ، 2017-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يات جىنىسلىقلاردىن تارقىلىپ  يۇقۇملانغۇچى % 69.6، ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلاردىن يۇقتۇرۋىلىش نىسبىتى % 25.5دىن ئاشقان.

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمىسىنىڭ باھالىشىچە، 2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەخمىنەن 1 مىليون 250 مىڭ ئادەم دەپ مۆلچەرلەنگەن. 2018- يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھايات يۇقۇملانغۇچى 850 مىڭ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر 262 مىڭ بولغان.  يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ھەر يىلى 80 مىڭ نەپەر ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەن. پۈتۈن كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تەخمىنەن %0.09 ئەتراپىدا بولۇپ، خەلقئارالىق ئۆلچەمنى ئاساس قىلغاندا، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما يۇقۇم ئەھۋالى تەكشى ئەمەس.

جۇڭگو قان بېرىش ئارقىلىق تارقىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن كونتىرول قىلدى. كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنى ئۆلچەش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قان بېرىش ۋە قان ياسالمىلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ يۇقۇملانغۇچىلار ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. زەھەر تاشلىتىش دورىسى بىلەن داۋالاش ۋە پاكىز ئۇكۇل سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، 2017-يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،  زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ يۇقۇملانغۇچىلار 2102-يىلىدىكىدىن % 44.5 تۆۋەنلىگەن، زەھەر تاشلىتىش دورىسى بىلەن داۋالاش داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن يىڭىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى % 0.2دىن  تۆۋەنلەپ  2017-يىلىغا كەلگەندە  % 30.0 بولغان.

ئانىدىن بالىغا تارقىلىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى % 7.1دىن تۆۋەنلەپ  2017-يىلى % 4.9كە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئۇندىن باشقا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىگە  ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرتكەن ئادەم سانى 2012-يىلىدىكى 100 مىليون ئۆرلەپ، 2017-يىلىغا كەلگەندە 200 مىليونغا يەتكەن؛ ۋىرۇسقا قارشى داۋالانغان ئادەم سانى 2012-يىلىدىكى 171 مىڭ ئادەمدىن كۆپىيىپ، 2017-يىلىغا كەلگەندە 610 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. 2017-يىلى داۋالاش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 4.08كە يېتىپ، داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى % 90تىن ئاشقان.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam