نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > ياشانغانلار

رەسىملىك ئۇچۇرلار

چوڭلار كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى كېرەك

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-09-12كۆرۈلىشى :

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە ئەرلەر 32 ياشقا، ئاياللار 28 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ بەدىنىدىكى كالتىسىي مىقدارى يىلىغا %0.1تىن  %0.5 كىچە سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ  ماڭىدىكەن، 60 ياشقا كىرگەندە %50 كالتىسىي ئازىيىپ كېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇنداقتا چوڭلار قايسى ياش باسقۇچىدا كالتىسىي تولۇقلىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 30 ياش ئەتراپىدا كالتىسىي تولۇقلىغاندا ، مىنېرال ماددىلارنىڭ سۆڭەكتىكى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن، 35 ياشتىن كېيىن ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ماڭىدىكەن، شۇڭا 30 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ۋاقىت كالتىسىي تولۇقلاشقا ئەڭ باپ كېلىدىكەن، يەنى بىر كىشى كۈنىگە 800 مىللىگىرام كالتىسىي تولۇقلىسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. سۈت، قۇرۇق مېۋە، كۆكتات، پۇرچاق قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە، كالتىسىي تولۇقلاش مەقسىتىگە ئاسانلا يەتكىلى بولىدىكەن
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】