نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > كېسەللىكلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ساغلام بولۇشتا ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئىشلار

  • قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا دائىر 20 سوئال-جاۋاپ

  • ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

ساغلام بولۇشتا ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئىشلار

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-09-10كۆرۈلىشى :

1.jpg 

 ئۇسسىغاندا ئاندىن ئۇسسۇزلۇق ئىچىمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرماسلىق كېرەك
سۇ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ساقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ماددا، ئادەم بەدىنىدە يېتەرلىك سۇ قوبۇل قىلىنمىسا، ئادەمنىڭ روھى چۈشۈپ ، ئېغىز بوشلۇقى قۇرغاقلىشىپ، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە جىگەر بىلەن بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ئېغىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بەدەندە ئېغىر دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاغرىپ قالغاندا ئاندىن سالامەتلىكنى تەكشۈرتىمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرماسلىق كېرەك
يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىكنى قەرەللىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارنىڭ كېسەللىكتىن ساقلىنىشى ۋە ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى، جىگەر ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، راك قاتارلىق ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالدىئنالا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرغاندا، كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقىغىلى، ۋاقتىدا داۋالاتقىلى، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

2.jpg

تەرەت قىستىغاندا ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرىمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرماسلىق كېرەك
چوڭ كىچىك تەرەت قىلىش بەدەن ئىچىنىڭ مۇھىتىنى پاكىزلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم شەكىل، قەۋزىيەتنىڭ زىيانلىق بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، چوڭ تەرەتنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئۈچەيدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسا، ئوڭايلا ئورگانىزمغا قايتىدىن قوبۇل قىلىپ زىيان پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى چوڭ تەرەت قىلغۇسى كەلمىسىمۇ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق شارائىت ئىنكاس شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كىچىك تەرەتكە كەلسەك، بىر سائەتتە بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلىش ئارقىلىق سۈيدۈكتىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ دوۋسۇننى غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، دوۋسۇن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۇيقۇ كەلگەندە ئاندىن ئۇخلايمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرماسلىق كېرەك
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيقۇسى كەلمىگۈچە ياتمايدۇ، ئۇلار چارچاپ ئەسنەك باسقاندىلا ئۇيقۇ كەلدى دەپ قارايدۇ، ئەلۋەتتە ئەسنەك باسقانلىق چوڭ مېڭە قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىسى بولۇپ، ئەسنەك بېسىشنى ساقلاپ، ئۇخلىماي ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە، چوڭ مېڭىنى قوغداپ، ئوڭاي ئۇخلىغىلى بولىدۇ، بەلكى يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
قورسىقىم ئاچقاندا ئاندىن تاماق يەيمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرماسلىق كېرەك
بەزىلەر قورسىقى ئاچمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ۋاقتىدا تاماق يېمەيدۇ، بۇنداق قىلىش ئوڭايلا ئاشقازاننى كاردىن چىقىرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. يېمەكلىك ئاشقازاندا ئاران 4-5سائەت تۇرىدىغان بولغاچقا، ئادەم قورسىقىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلغان چاغدا، ئاشقازان ئاللىقاچان قۇرۇغدىلىپ قالغان بولىدۇ، بۇ چاغدا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ھەزىم قىلىپ، ئوڭايلا ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】