نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > كېسەللىكلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • يۈرەكنىڭ ياخشى-يامانلىقى بەدەندىكى بەش جايدا ئىپادىلىنىدۇ

  • قاندىكى قەنتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىككىلا تەدبىر كۇپايە

  • ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەزگىلىدىكى سۇلۇق قاپارتما ۋە ئەسۋەنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

  • جىگەر راكىنىڭ تېرىدە كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى

  • يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى دۇنيادىكى يوقاتقىلى بولىدىغان ئىككىنچى چوڭ كېسەللىك

  • خەتىرى تاماكا چېكىشتىن قېلىشمايدىغان ئۈچ ناچار ئادەت

بۇ كېسەللەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچى

مەنبەسى : https://mp.weixin.qq.com/s/Dt18cAdPDIoGI6MJ_z2i_Aيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى :

 جۇڭگو ئىقتىساد تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەم كېسەل بولۇپ قالغاندا ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى كېسىلىنى ساقايتىش، تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىشتۇر، ئەمما دوختۇرلارنىڭ قارىشىدا ناھايىتى كۆپ كېسەللەرنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، پەقەت كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، ئەزا ئىقتىدارىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ نەچچە خىل كېسەلنى ئەگەر كىمكى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ دېسە دەل شۇ ئالدامچى

1. رېماتىزىملىق كېسەللەر

ۋۇخەن توڭجى دوختۇرخانىسى رېماتىزم ئىممۇنىتېت ئىچكى بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى شوۋشىن مۇنداق دەيدۇ:

سىزگە رېماتىزملىق كېسەللەرنى تۈپتىن ساقايتقىلى بولىدۇ دېگەن ئادەم مېنىڭچە ئالدامچى ئەمەس، بەلكى بىلىمسىز، ھېچ بولمىغاندا «ناھايىتى ياخشى» دوختۇر ئەمەس. چۈنكى  رېماتىزملىق كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، نوقۇللا سىرتقى سەۋەبنىڭ رولىدىن ئەمەس. كېسەللىك سەۋەبىنى يوقاتمىغاندا تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ.

نۆۋەتتىكى داۋالاش ھەم بىر خىل «چېكىنگەچ سۈلھى قىلىشنى تەلەپ قىلىش» جەريانى، بۇ دەل ھورمون ۋە ئىممۇنىتېت تىزگىنلىگۈچنى قوللىنىش قائىدىسى، ئۆزىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمىزنى سەل تۆۋەنلەتسەك، ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ئەزايىمىزغا بولغان ھۇجۇم سەل ئاز بولىدۇ، سىرتقا قارىتا مۇداپىئە كۆرۈشمۇ نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ.

مۇۋاپىق داۋالانغاندىن كېيىن ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، نورمال تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2. دىيابېت كېسىلى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا دىيابېت كېسىلى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر دىيابېت كېسىلى يەنىلا تۈپتىن داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل ئىكەن، «دىيابېت كېسىلى يوقىتىلدى»، «دىيابېت كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالايدۇ» دېگەندەك ھەرقانداق تەشۋىقاتنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەن، دىيابېت بىمارلىرى قارىغۇلارچە ئىشىنىپ قالسا ئەكسىچە داۋالاش پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، دىيابېت كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، 1 تىپلىق، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىشقا ئامالسىز. زىيادە سېمىزلىك پەيدا قىلغان دىيابېت كېسىلى بولغان بىمار ئاشقازان ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسىلىنى ياخشىلىسا بولىدۇ، ئەمما ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىسى ئاجرىتىپ چىقارغان ئىنسۇلىننىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا يەنىلا ئامالسىز.

دىيابېت بىمارى بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، قان قەنتىنى مۇقىم نورمال دائىرىدە كونترول قىلسا داۋاملىق دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنى كەسپىي دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاندىن بېكىتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن: ھازىرغا قەدەر دىيابېت كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ.

3. زىققا

زىققا نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش، زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكتېرىدىكى ياللۇغ، كانايچىلەرنى تارتىشتۇرۇپ، نەپەس يوللىرىنى تارايتىدۇ، نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئادەتتە دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن يېنىكلەيدۇ.

زىققىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، نۆۋەتتە تېببىي ساھە پەقەت زىققىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالايدۇ، تەلتۆكۈس داۋالىيالمايدۇ. ئەگەر ئېلاندا ئۆزىنىڭ دورىسى زىققىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايدۇ دېسە، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدى دەپ بېكىتكىلى بولىدۇ.

زىققىنى گەرچە تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما %80 زىققا بىمارى مۇنتىزم داۋالىنىش ئارقىلىق ياخشى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، بەزى بىمارلار 2~3 يىللىق مۇنتىزملاشقان داۋالاشتىن كېيىن ھەتتا دورىدىن تامامەن قۇتۇلالايدۇ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، خىزمەت قىلالايدۇ.

4. جاھىل تەمرەتكە

جاھىل تەمرەتكە ئاستا خاراكتېرلىك، يۇقمايدىغان، تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل، كېسەللىك سەۋەبى ناھايىتى مۇرەككەپ، جاھىل تەمرەتكىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس، تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايدىغان دورا مەۋجۇت ئەمەس.

پەقەت مۇنتىزم دورا ئىشلىتىش، تۇرمۇش ئادىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق شەكىللەردە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىشىنى ئاستىلاتقىلى ياكى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەجدادلاردىن قالغان مەخپىي رېتسىپلىق دورا ياكى ئاتالمىش «تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان» دورا دېگەنلەرگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش داۋالاش پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپلا قالماستىن، بەزى «مەخپىي رېتسىپلار» ھەتتا جانغا زامىن بولىدۇ.

جۇڭگو جوڭيى ئاكادېمىيىسى گۇاڭئەنمېن جوڭيى دوختۇرخانىسى تېرە بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۇي بىڭنەننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نۆۋەتتە جاھىل تەمرەتكىگە قارىتا ئۈنۈملۈك دورا يوق ئىكەن، شۇڭا ئەگەر بەزى دورىلارنى جاھىل تەمرەتكىنى تامامەن ساقايتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلسا چوقۇم ساختا تەشۋىقات، ئالدام خالتىغا چۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

نۆۋەتتە جاھىل تەمرەتكىنى داۋالاشتا مۇنتىزملاشقان داۋالاشنى تەكىتلەيدۇ، داۋالاش مەقسىتى ئاساسلىقى كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، قوزغىلىپ قېلىشىنى ئالدىنى ئېلىپ، دورىنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتۇر.

5. يۇقىرى قان بېسىم

ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدۇ، پەقەت سەۋەبچى بولغان كېسەلنى داۋالىساقلا قان بېسىمى تەبىئىيلا نورماللىشىدۇ.

ئەمما بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى نۆۋەتتە تېخى تامامەن تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، داۋالىغىلى بولىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، دورا ۋە غەيرىي دورىلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن قان بېسىمنى كونترول قىلىپ، قايتا بىنورمال يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ.

ئەگەر كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى توختاتساق، قان بېسىمۇ دەرھال ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمىنى تامامەن تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلغان ئېلانلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ، يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىشتا يەنىلا مۇنتىزم دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس دوختۇرىنىڭ ئالدىغا بېرىڭ، بالدۇر داۋالىتىپ بالدۇر كونترول قىلىڭ.

6. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى

نۆۋەتتە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارىتا رازى بولغۇدەك داۋالاش ئۇسۇلى يوق، بەزى قاناۇنسىز داۋالاش ئېلانلىرى ئادەتتە كۆپتۈرۈپ «چوڭ ئۈچ مۇسبەت» (大三阳)نى «كىچىك ئۈچ مۇسبەت» (小三阳)كە ئۆزگەرتىدۇ، «كىچىك ئۈچ مۇسبەت»نىڭ ھەممىسىنى مەنپىيگە ئۆزگەرتىدۇ، دەيدۇ.

ھازىرقى باسقۇچتا تېخى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى «داۋالىيالايدىغان» ياكى «تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان» ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاسىتىسى يوق. نۆۋەتتە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان داۋالاشنىڭ نىشانى جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشتۇر.

7. مەزى بېزى ياللۇغى

بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى خوڭجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزى بېزى ياللۇغى كېسەل ئەمەس، بەلكى بىر قاتار كېسەللىك ئالامىتى ئىكەن.

مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما كېسەللىك سەۋەبى يەنىلا ناھايىتى ئېنىق ئەمەس، بولۇپمۇ باكتېرىيەسىز مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ شۇنداق، داۋالاش كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىدۇ، ناھايىتى ئاسانلا قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ. نۆۋەتتە چوڭ دوختۇرخانىلار مەزى بېزى كېسىلىنى تۈپتىن ساقايتىمىز دېمەيدۇ، پەقەت ياخشىلايمىز دەيدۇ. توغرا داۋالاش لايىھەسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسا قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ھاراق ئىچمەسلىك، ئاچچىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك، ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق، ئۇزۇن ۋاقىت ۋېلىسىپىت مىنمەسلىك، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنە خۇشال كەيپىياتتا يۈرۈش كېرەك، شۇنىڭدا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. دورا ياكى داۋالاش ئۈسكۈنلىرى بىلەن داۋالاشنى زىيادە تەكىتلەش بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
يەنە بىرى ياكى ئېلاندا بۇ كېسەللەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ دېسە قىلچە ئىككىلەنمەي رەددىيە بېرىپ: سەن ئالدامچى! ئەمدى ئالدىغۇچى بولما! دېيىشىمىز كېرەك.

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam